ئەردوغاننىڭ ئامېرىكا زىيارتىنىڭ تەييارلىقى بۇرۇنلا باشلاندى
ئارمىيە باش قوماندانى گېنېرال خۇلۇسى ئاقار، جۇمھۇر رەئىس مۇئاۋىن باش كاتىبى ۋە باياناتچىسى ئىبراھىم كالىن ھەمدە مىللىي ئىستىخبارات تەشكىلاتى مەسلىھەتچىسى ھاقان فىدان تەييارلىق خىزمەتلىرى ئۈچۈن ئامېرىكا ماڭدى.
![ئەردوغاننىڭ ئامېرىكا زىيارتىنىڭ تەييارلىقى بۇرۇنلا باشلاندى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/0d72/8e31/a22a/590880c193ce4.jpg?time=1719102498)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئامېرىكا زىيارىتىدىن ئىلگىرىكى تەييارلىق خىزمەتلىرى تېز سۈرئەت بىلەن داۋاملاشماقتا.
ئەردوغاننىڭ ئامېرىكا زىيارىتىدىن ئىلگىرى، ئارمىيە باش قوماندانى گېنېرال خۇلۇسى ئاقار، جۇمھۇر رەئىس مۇئاۋىن باش كاتىبى ۋە باياناتچىسى ئىبراھىم كالىن ھەمدە مىللىي ئىستىخبارات تەشكىلاتى مەسلىھەتچىسى ھاقان فىدان ئامېرىكىغا ماڭدى.
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ 15 – مايدىن 17 – مايغىچە ئامېرىكىدا ئېلىپ بارىدىغان زىيارىتىدىن ئىلگىرى گېنېرال خۇلۇسى ئاقار، ئىبراھىم كالىن ۋە ھاقان فىدان ئامېرىكا مەسئۇللىرى بىلەن ئۇچرىشىشلاردا بولۇپ، تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئىشلەيدۇ.
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن ئۆتكۈزىدىغان ئۆزئارا يۈزمۇ - يۈز ئۇچرىشىشىدا، رايون خاراكتېرلىك ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىشى مۆلچەرلەنمەكتە.
زىيارەت دائىرىسىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان يۇقىرى درىجىلىك رەھبەر ئۇچرىشىشلىرىدا ئۆز ئارا مۇناسىۋەتلەردىن باشقا يەنە، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى كاتىۋىشىنىڭ تۈركىيەگە قايتۇرۇپ بېرىلىشى، سۈرىيە ۋە ئىراقتا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر شۇنداقلا تېررورلۇققا قارشى كۈرەش ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرىلىشى تەخمىن قىلىنماقتا.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![تۈركىيە تېررورچىلارغا زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/828b/04e9/7c0a/666c1fc0b666e.jpg?time=1719102499)
تۈركىيە تېررورچىلارغا زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا
تۈركىيە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قەتئىي ئىرادە بىلەن ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرماقتا.