ئەردوغان، «ئۇ» تەشكىلاتنى تۈركىيەنىڭ بىرىنچى نومۇرلۇق دۈشمىنى دەپ كۆرسەتتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان،، تۈركىيەدىكى ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتىگە يۇقىرى ئىشتىراك قىلىش نىسبىتىنىڭ دۇنيانىڭ ھېچبىر دۆلىتىدە كۆرۈلمىگەنلىكىنى ئېيتتى.

722999
ئەردوغان، «ئۇ» تەشكىلاتنى تۈركىيەنىڭ بىرىنچى نومۇرلۇق دۈشمىنى دەپ كۆرسەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان، ھىندىستاندىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدىن ئىلگىرى ھىندىستاننىڭ ۋىئون تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ كۈنتەرتىپتىكى مەسىلىلەرگە دائىر سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

خەلقنىڭ 16 – ئاپرېلدىكى جۇمھۇر رەئىسلىك ھۆكۈمەت سىستېمىسىنىمۇ مەزمۇن قىلغان ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتىگە ئىشتىراك قىلىش نىسبىتىنىڭ يۇقىرىلىقىغا ئىشارەت قىلغان ئەردوغان، %85 لىك ئىشتىراك قىلىش نىسبىتى بىلەن تۈركىيەنىڭ دۇنياغا، بولۇپمۇ ياۋروپاغا دېموكراتىيە دەرسى بەرگەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ھىندىستاننىڭ پاكىستان چېگراسىدىكى جاممۇ كەشمىر مەسىلىسى توغرىسىدىمۇ توختالغان ئەردوغان، پاكىستان بىلەن ھىندىستان ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ كۈنسېرى ياخشىلىنىۋاتقانلىقىدىن مەمنۇن ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئەردوغان، تۈركىيەنىڭ زۆرۈرىيەت تۇغۇلسا كەشمىر مەسىلىسىدە ھەرىكەتكە ئۆتىدىغانلىقىنى، بۇ مەسىلىنى دىيالوگ يولى ئارقىلىق ھەل قىلىشنىڭ ھەر ئىككى دۆلەتكە ئىنتايىن پايدىلىق بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ھىندىستاننىڭ ھازىرغىچە ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا بولالمىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئەردوغان، «دۇنيا بەشتىن چوڭدۇر. مېنىڭ ب د ت  توغرىسىدىكى قاراشلىرىم قوبۇل قىلىنسا، ھىندىستانمۇ دائىمىي ئەزالار قاتارىدىن ئورۇن ئالىدىغان چاغلار بولىدۇ» دېدى.

ئەردوغان، لائىكلىق يەنى سىكولارىزمغا قانداق ئېنىقلىما بېرىدىغانلىقى توغرىسىدىكى بىر سوئالغا، ياۋروپا ۋە ئانگلو-ساكسوندا لائىكلىقنىڭ خاتا ئىجرا قىلىنغانلىقىغا، ئۇ يەرلەردە كىشىلەرنىڭ ئېتىقادى يۈزىسىدىن چەتكە قىلغانلىقىغا ئىشارەت قىلغان ھالدا، «بىزنىڭ قارىشىمىزچە، لائىكلىق پۈتكۈل ئېتىقاد مەنسۇپلىرىنىڭ ئېتىقادىنىڭ دۆلەتنىڭ كاپالىتى ئاستىدا بولۇشىدۇر، بارلىق كىشىلەرنىڭ ئېتىقاد قىلغان ئىشىنى ئېتىقادى بويىچە ئادا قىلالىشىدۇر» دەپ جاۋاب بەردى.

ياغلىقنىڭ بىر مۇسۇلماننىڭ دىنىي ئېتىقادىنىڭ تەقەززاسى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ئەردوغان، تۈركىيەدە ھېچبىر ئېتىقاد مەنسۇپىغا مۇداخىلە قىلىنمىغانلىقىنى، غەرب دۇنياسىنىڭ يېقىنقى مەزگىللەردە ئېغىر شەكىلدە مۇسۇلمان دۈشمەنلىكىنى نامايان قىلىشقا باشلىغانلىقىنى، مەسىلىنىڭ جامەلەرگە ئوت قويۇپ بېرىش قىلمىشلىرىغىچە بېرىپ يەتكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئەردوغان تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇش مۇساپىسى توغرىسىدا توختىلىپ، ياۋروپانىڭ تۈركىيەگە دۇرۇس مۇئامىلە قىلمىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ، مېدىيا ۋە پىكىر ئەركىنلىكى مەسىلىسى بويىچە دۇنيا ئەللىرىنى رەتكە تىزىدىغان تەرەپلەرنىڭ پۈتۈنلەي سىياسىي ۋە بىر تەرەپلىمە ھەرىكەت قىلغانلىقىنى، شۇڭا ئۇلارنىڭ ئىشەنچلىكلىك نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىكىنى ئېيتتى.

ئەردوغان يەنە، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ھىندىستاندىمۇ كۈچلۈك تەشكىلاتلانغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ، ھىندىستان ھۆكۈمىتىنى چارە – تەدبىرلەرنى يولغا قويۇش بويىچە ئاگاھلاندۇردى ۋە تۈركىيەنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى ئىچىدىكى بىرىنچى نومۇرلۇق دۈشمىنىنىڭ فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئىكەنلىكىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ھېچبىر دۆلەتنىڭ دائېشقا قارشى تۈركىيەچىلىك كۈرەش قىلمىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئەردوغان، تۈركىيەنىڭ PKK نىڭ سۈرىيەدىكى گۇماشتىسى پ ي د غا قارشى كۈرەش قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر