تۈركىيەنىڭ ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتى ۋە ئۇنىڭ نەتىجىسى

«تۈركىيە ۋە ياۋرو – ئاسىيا كۈنتەرتىپى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا، ئاتاتۈرك ئۇنىۋېرسىتېتى تەتقىقاتچىسى جەمىل دوغاچ ئىپەكنىڭ، «تۈركىيەنىڭ ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتى ۋە ئۇنىڭ نەتىجىسى» گە ئالاقىدار ئانالىزىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.

721815
تۈركىيەنىڭ ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتى ۋە ئۇنىڭ نەتىجىسى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ئاساسىي قانۇن ۋە ئىجرائىيەنىڭ ئىككى باشلىقلىق بولۇشى تۈركىيەدە ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان دەتالاش قىلىنىۋاتقان ئەڭ مۇھىم تېمىلارنىڭ بىرى ئىدى. ھەممىڭلارغا مەلۇم بولغىنىدەك، تۈركىيە بۇ نۇقتىلارنى ھەل قىلىش مەقسىتىدە 16 – ئاپرېلدا ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، «تۈركىيە ۋە ياۋرو – ئاسىيا كۈنتەرتىپى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا، ئاتاتۈرك ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر بۆلۈمى تەتقىقاتچىسى جەمىل دوغاچ ئىپەكنىڭ، «تۈركىيەنىڭ ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتى ۋە ئۇنىڭ نەتىجىسى» گە ئالاقىدار ئانالىزىنى سىلەر بىلەن ئورتاقلاشماقچىمىز. قېنى ئۇنداقتا دىققىتىڭلار بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلىرىمىزدا بولسۇن!

* * * * *

تۈركىيە بىر تەرەپتە دائېش، PKK، فەتھۇللاھچىلارغا ئوخشاش تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى پۈتۈن كۈچى بىلەن كۈرەش قىلسا، يەنە بىر تەرەپتە 2016 – يىلى 15 – ئىيۇلدا مەيدانغا كەلگەن خائىنلارچە ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىنىڭ جاراھەتلىرىگە مەلھەم سۈرۈشكە تىرىشماقتا. 15 – ئىيۇلنى پەيدا قىلغان خەۋپلەر ھېلىھەم مەۋجۇت. مۇشۇنداق شارائىت ئاستىدا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىگە نەپەس ئالدۇرۇش ئۈچۈن، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى بىلەن مىللىيەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى بىرلىكتە بىر ئاساسىي قانۇنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش تەكلىپنامىسى تەييارلاپ چىقتى ۋە بۇ تەكلىپ 16 – ئاپرېلدا تۈرك مىللىتىنىڭ تەستىقلىشىغا سۇنۇلدى. ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتى نەتىجىسىدە خەلقنىڭ %51.41 ى تەكلىپنى قوللاپ بېلەت تاشلىدى. شۇنىڭ بىلەن، ئاساسىي قانۇنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش تەكلىپى تۈرك مىللىتى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان بولدى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ 1982 – يىلى تۈزۈلگەن نۆۋەتتىكى ئاساسىي قانۇنىدا بولۇپمۇ جۇمھۇر رەئىسنىڭ سالاھىيەت ۋە مەسئۇلىيەتلىرى نۇقتىسىدىن قارىغاندا، كىلاسسىك پارلامېنت تۈزۈمىدىن ئېغىر ئېغىشلارنىڭ بارلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. 1982 – يىلى تۈزۈلگەن ئاساسىي قانۇندىكى ھەربىي ئۆزگىرىش روھى ھازىرغىچە ئىشقا ئاشۇرۇلغان 18 پەرقلىق ئۆزگەرتىشكە قارىماي يوقىتىپ تاشلىنالمىدى. 2014 – يىلى جۇمھۇر رەئىسنىڭ تۇنجى قېتىم خەلق تەرىپىدىن سايلىنىشى سەۋەبىدىن سىستېمىدىكى كىرىزىس تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتى؛ سالاھىيەت ۋە مەسئۇلىيەت ئوتتۇرىسىدىكى زىتلىق بىر سىستېما كىرىزىسىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى.

1982 – يىلى 12 – سېنتەبىر ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىشى بىلەن باشلىنىپ، 2016 – يىلى 15 – ئىيۇلدىكى ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىگىچە سوزۇلغان مۇساپە؛ ئاساسىي قانۇندىكى بەلگىلىمىلەر، ۋەزىپە ۋە سالاھىيەتلەر سىزىقىنىڭ روشەن شەكىلدە سىزىلىشى ئۈچۈن، ئاساسىي قانۇنغا كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش زۆرۈرىيىتىنى تۇغدۇردى.

ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى بىلەن مىللىيەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى تەرىپىدىن تەييارلىنىپ، ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتى ئارقىلىق قوبۇل قىلىنغان ئاساسىي قانۇنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش تەكلىپىنىڭ مەزمۇنى ئومۇمەن تۆۋەندىكىچە:

- ئاساسىي قانۇنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش ئارقىلىق ھۆكۈمەت تۈزۈمىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلىدۇ. ئىجرائىيەدىكى قوش باشلىقلىق ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ. ئىجرائىيە سالاھىيەتلىرى جۇمھۇر رەئىسكە تەۋە بولىدۇ.

- قانۇن چىقىرىش سالاھىيىتى مەخسۇس تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىگە بېرىلىدۇ. ھۆكۈمەتنىڭ قانۇن لايىھەلىرى ئارقىلىق قانۇن چىقىرىش ئورگىنىغا ھۆكۈمران بولۇۋېلىشىنىڭ ئالدى ئېلىنىدۇ. قانۇن چىقىرىش ئورنى بىلەن ئىجرائىيە ئورگىنى بىر – بىرىدىن تەلتۆكۈس ئايرىلىدۇ. ئورگانلار ئارىسىدىكى پەرقلەر روشەن ۋە كۈچلۈك شەكىلدە شەكىللىنىدۇ.

- جۇمھۇر رەئىسنىڭ ئەمەلىي ۋە قانۇنىي چېقىلالماسلىق ھوقۇقى ئاخىرلىشىدۇ. پەقەت ۋەتەنگە خىيانەت قىلىشلا ئەمەس، ھەر تۈرلۈك ھەرىكەت ۋە قىلمىشلىرىنىڭ جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

- قانۇن چىقىرىش ئورگىنى بىلەن ئىجرائىيە ئورگىنىنىڭ روشەن شەكىلدە ئايرىلىشى بىلەن، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى پۇقرالىرى ئىككى ئايرىم سايلامدا ئايرىم – ئايرىم بېلەت تاشلاپ، ھۆكۈمەتنى بىۋاسىتە سايلاپ چىقىدۇ.

- ھۆكۈمەتنى تەشكىل قىلغان سىياسىي پارتىيە بىلەن قانۇن چىقىرىشتا كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان سىياسىي پارتىيەنىڭ بىر بولۇش شەرتى ئەمەلدىن قالىدۇ. جۇمھۇر رەئىسنىڭ سىياسىي پارتىيە بىلەن بولغان ئالاقىسىنىڭ ئۈزۈپ تاشلىنىشى توغرىسىدىكى ھۆكۈم بىكار قىلىنىدۇ. سايلىنىش يېشى 18 گە چۈشۈرۈلۈپ، ياشلارنىڭ سىياسەتكە ئىشتىراك قىلىشىنىڭ يولى ئېچىلىدۇ. تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىنىڭ ئەزا سانى 600 گە چىقىرىلىپ، ۋەكىللىك قىلىش كۈچى ئاشۇرۇلىدۇ.

- جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى قارارنامىلىرى قانۇننىڭ ئورنىنى باسمايدۇ ۋە كۈچىگە ئىگە بولمايدۇ؛ قانۇندا كۆرسىتىلگەن مەسىلىلەر توغرىسىدا قارارنامە چىقىرىلالمايدۇ. تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى ئوخشاش مەسىلە توغرىسىدا بىر قانۇن چىقارغان تەقدىردە، قارارنامە ئەمەلدىن قالىدۇ. يەنە، قارارنامىلەرنى ئاساسىي قانۇن مەھكىمىسى نازارەت قىلىپ تۇرىدۇ.

- (يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدالارنى) ئالىي سوت مەھكىمىسىگە يوللاش ئاسانلاشتۇرۇلۇش ئارقىلىق قانۇن چىقىرىش ئورگىنىنىڭ ئىجرائىيە ئورگىنىنى نازارەت قىلىش كۈچى ئاشۇرۇلىدۇ.

- تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى ۋە جۇمھۇر رەئىسلىك سايلاملىرى ھەر بەش يىلدا بىر قېتىم ئوخشاش كۈندە ئۆتكۈزۈلىدۇ. جۇمھۇر رەئىس سايلاملارنى قايتىدىن ئۆتكۈزۈشكە قارار قىلسا، ئۆزىنىڭ ۋەزىپىسىمۇ ئاخىرلىشىدۇ.

- ئەدلىيەنىڭ مۇستەقىل بولۇش بىلەن بىرگە بىتەرەپ بولۇشىمۇ ئاساسىي قانۇندا كۆرسىتىلىدۇ. 13 ئەزادىن تەشكىل تاپىدىغان تەپتىش ۋە سوتچىلار ئالىي ئورگىنىنىڭ 7 ئەزاسىنى تۇنجى قېتىم تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى سايلاپ چىقىدۇ.

يېڭى سىستېمىنىڭ ئەڭ مۇھىم يېڭىلىقلىرىنىڭ بىرى، ئىجرائىيە قاتلىمىنى بىۋاسىتە خەلقنىڭ سايلايدىغان بولۇشىدۇر. يېڭى سىستېمىدا، قانۇن چىقىرىش ئورگىنى بىلەن ئىجرائىيە ئورگىنى بىر – بىرىدىن روشەن ئايرىلىدىغانلىقى ئۈچۈن، بۇنىڭدىن كېيىن ھۆكۈمەت پارلامېنتنىڭ ئىچىدىن چىقمايدۇ. بۇ شەكىلدە ئىشەنچ ئاۋازىنى خەلق بېرىدۇ.

يېڭى سىستېمىنىڭ بىر ئادەم دىكتاتورلۇقىنى شەكىللەندۈرىدىغانلىقى توغرىسىدا قاراشلار مەۋجۇت بولسىمۇ، دەل ئەكسىچە يېڭى سىستېما ئېلىپ كېلىدىغان كۈچلۈك مۇۋازىنەت ۋە نازارەت قىلىش مېخانىزمى سايىسىدا دىكتاتورلىشىشنىڭ قەتئىي مۇمكىنچىلىكى يوق. چۈنكى، ئىجرائىيە قاتلىمىنىڭ پۈتكۈل ئىش ۋە خىزمەتلىرى قانۇن چىقىرىش ئورگىنى ۋە ئەدلىيەنىڭ نازارىتى ئاستىدا بولىدۇ. چىقىرىلىدىغان بەلگىلىمىلەر كىرىزىسلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، يارىشىش مەدەنىيىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىنى كۈچەيتىدۇ.

خۇلاسىلىگەندە، 15 – ئىيۇلدىكى بىر قېتىملىق ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتى ئارقىلىق سىلكىنگەن تۈركىيە، يەنە بىر ئۆتكەلدىن ئۇتۇقلۇق ئۆتتى. دۆلەت كۈچلۈك بولمىغان، سۈرئەت بىلەن قارار چىقىرالمىغان، باشقۇرۇش قاتلىمىدا ئەمەلىي ۋە قانۇنىي قالايمىقانچىلىقلار داۋاملىشىدىغانلا بولسا، تۈركىيەنىڭ 2023 ۋە 2053 يىللىق نىشانلىرىغا يېتىشى مۈشكۈل ئىدى. دۆلەتنى كۈچلۈك ھالەتكە كەلتۈرۈش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ئىجتىمائىي كېلىشىمنى يەنى ئاساسىي قانۇننى يېڭىلاش نورمال بىر ئىش. ئاخىرىدا، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى بىلەن مىللىيەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىنىڭ ھەل قىلىش چارىسى چەت كۈچلەرنىڭ ياردىمى بىلەن ئەمەس، تۈرك خەلقىنىڭ ئىرادىسى سايىسىدا ماقۇللۇقتىن ئۆتتى؛ تۈرك خەلقى ئۆزىنىڭ كېلەچىكىگە ئالاقىدار ھەل قىلغۇچ قارارنى ئۆزى چىقاردى. شۇنداق، تۈرك خەلقى يارىشىش ئارقىلىق بىر گەۋدىگە ئايلىنىپ كۈچەيدى ۋە كېلەچىكىنى كاپالەت ئاستىغا ئالدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر