خىتاي بىلەن كۆپ ساھەدە كېلىشىم تۈزۈش پىلان قىلىنماقتا

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسلىك كۈللىيەسىنىڭ باياناتچىسى ئىبراھىم كالىن رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ 5-ئاي ئىچىدە خىتاي، رۇسىيە، ئامېرىكا ۋە ھىندىستاننى زىيارەت قىلىدىغانلىقىنى؛ بىريۇسسېلدا بولسا، ناتو يىغىنىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

719897
خىتاي بىلەن كۆپ ساھەدە كېلىشىم تۈزۈش پىلان قىلىنماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك كۈللىيەسىنىڭ باياناتچىسى ئىبراھىم كالىن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ماي ئېيى ئىچىدە، ھىندىستان، رۇسىيە، خىتاي ۋە ئامېرىكىنى زىيارەت قىلىدىغانلىقىنى، ئارقىدىن بىريۇسسېلدا ئېچىلىدىغان ناتو ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ خىتاي زىيارىتىدە بىر قاتار كېلىشىملەرنى تۈزۈش پىلان قىلىنىۋاتقان بولۇپ، تەييارلىقلار داۋام قىلماقتا ئىكەن.

24-ئاپرېل «ئەلجەزىرە» تور بېتىنىڭ ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنى مەنبە قىلىپ تارقاتقان خەۋىرىدە، ئىبراھىم كالىن كۈللىيەدە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەندە، كۈنتەرتىپكە مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتلارنى ئېلان قىلغان. ئۇ ماي ئېيى ئىچىدە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ دەسلەپتە ھىندىستاننى زىيارەت قىلىدىغانلىقىنى، ئارقىدىن رۇسىيەنى زىيارەت قىلىپ، پىرېزىدېنت پۇتىن بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.

ماي ئېيىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا بېيجىڭدا ئېچىلىدىغان خەلقئارالىق «بىر يول، بىر بەلباغ» ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىدىغان رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن ئايرىم سۆھبەت ئۆتكۈزىدىكەن.

رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ خىتاي زىيارىتىدە بىر قاتار كېلىشىملەرنى تۈزۈش پىلان قىلىنغان بولۇپ، بۇنىڭ تەييارلىقلىرى داۋام قىلماقتا ئىكەن. رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بۇ زىيارەتلىرىدىن كېيىن، ئامېرىكىنى زىيارەت قىلىپ، ئاقسارايدا پىرېزىدېنت دونالد ترامپ بىلەن كۆرۈشىدىكەن ۋە 24-25-ماي كۈنلىرى بىريۇسسېلدا ئېچىلىدىغان ناتو ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىدىكەن.

مۇتەخەسسىسلەر، رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ خىتاي زىيارىتىدە تۈزۈلىدىغان كېلىشىملەردە، تۈركىيە تەرەپ ئۈچۈن ئېيتقاندا، سودا-ئىقتىساد ۋە ئېنېرگىيە ساھەسىنىڭ ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلىدىغانلىقىنى؛ خىتاي تەرەپنىڭ بولسا، «تېررورلۇققا قارشى كۈرەشتە ئۆزئارا ھەمكارلىق ئورنىتىش» نى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدىغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ يەنە، خىتاي «بىر يول، بىر بەلباغ» لايىھەسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا، تۈركىيەنىڭ مۇھىم گېئوپولىتىكىلىق ئورنىنى نەزەردە تۇتقان ھالدا ئۆزئارا ھەمكارلىقلارنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى قەيت قىلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر