چاۋۇشئوغلۇ: سۈرىيە ھاكىمىيىتى ھازىرمۇ خىمىيەلىك ھۇجۇم قىلىش كۈچىگە ئىگە

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ، سۈرىيە ھاكىمىيىتىنىڭ ھېلىھەم خىمىيەلىك قورال ئىشلىتىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ ئاگاھلاندۇردى.

710066
چاۋۇشئوغلۇ: سۈرىيە ھاكىمىيىتى ھازىرمۇ خىمىيەلىك ھۇجۇم قىلىش كۈچىگە ئىگە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىتالىيەدە چاقىرىلغان تەرەققىي تاپقان 7 دۆلەت گۇرۇھى يىغىنىغا ئىشتىراك قىلغان مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى؛ سۈرىيەنىڭ مەۋجۇت ھاكىمىيەت بىلەن يولىنى داۋاملاشتۇرالمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ، «ھاكىمىيەت پەقەت خىمىيەلىك قوراللار بىلەنلا ئەمەس، تانكا ۋە باشقا ئەنئەنىۋى قوراللار بىلەنمۇ ئۆكتىچىلەرگە زەربە بېرىشنى ۋە بىگۇناھ كىشىلەرنى ئۆلتۈرۈشنى داۋاملاشتۇرماسلىقى كېرەك. ئۇرۇش توختىتىش ئېلان قىلىنغاندىن بۇيان، ھاكىمىيەت ئارقا – ئارقىدىن ئۇرۇش توختىتىشقا خىلاپلىق قىلماقتا» دېدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رېكس تىللېرسوننىڭ تەرەققىي تاپقان 7 دۆلەت گۇرۇھى يىغىنىدىن كېيىن رۇسىيەنى پايتەختى موسكۋادا زىيارەتتە بولىدىغانلىقىنى خاتىرىلىتىپ ئۆتكەن چاۋۇشئوغلۇ، ئۇنىڭ بىلەن (يىغىن جەريانىدا) موسكۋا بىلەن سۆزلىشىش كېرەك بولغان مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

چاۋۇشئوغلۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «بۇ تۈزۈم بىلەن سۈرىيەنىڭ يولىنى داۋاملاشتۇرالمايدىغانلىقى ئېنىق. ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەتنى بالدۇرراق روياپقا چىقىرىش لازىم. تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى كۈرەشمۇ داۋاملىشىدۇ. (تېللىرسون بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەتتە) ئوتتۇرىغا چىققۇسى خەۋپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدۇق. ئىدلىبقا ھۇجۇم قىلىش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقىنى، بۇنىڭغا تەييار تۇرۇش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدۇق. قولىمىزدىكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ھاكىمىيەتنىڭ ھېلىھەم خىمىيەلىك قورال ئىشلىتىش كۈچى بار. نۆۋەتتە ئەسەدسىز بىر سۈرىيە ئۈچۈن، رۇسىيەنىڭمۇ قايىل قىلىنىشى لازىملىقىنى تەكىتلىدۇق. بىز ئەڭ ياخشى چارىنىڭ سىياسىي چارە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتۇق.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر