يىلدىرىم: «ئەردوغانغا تەھدىت سېلىۋاتقان دۆلەتلەر ئەسلىدە تۈركىيەگە تەھدىت سالماقتا»

باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم «ياۋروپادا دېيىشدۇ. نېمىشقا؟ چۈنكى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئۆز دۆلىتىنىڭ بايلىقىنىڭ شۈمۈرىلىشىگە يول قويمىدى. دۆلىتىنى دۇنيا بازىرىدا تېخىمۇ كۆپ پايدىغا ئىگە قىلماقچى بولدى» دېدى.

703483
يىلدىرىم: «ئەردوغانغا تەھدىت سېلىۋاتقان دۆلەتلەر ئەسلىدە تۈركىيەگە تەھدىت سالماقتا»

تۈكىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم ياۋروپانىڭ تۈركىيەنىڭ تەرەققىي قىلىشىنى خالىمىغانلىقنى ۋە كۆرەلمەسلىك قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

بىنالى يىلدىرىم قارستا قىلغان سۆزىدە: «تۈركىيەنىڭ تەرەققىي قىلىشىنى خالىمايدۇ. تۈركىيەنىڭ ئىچكى مەسىلىلەردىن باش كۆتۈرەلمەسلىكىنى ۋە كۈچ – قۇدرىتىنى يوقۇتۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئۇلار تۈركىيە بىلەن خالىغان شەكىلدە ئويۇن ئوينىسۇن. غەرىبلىكلەرنىڭ يانچۇقىغا ئېقىۋاتقان ئىقتىساد قاناللىرىنى تۈركىيە كېسىپ تاشلىدى. ئۇلارغا پۇل ئېقىش توختىدى. ئەمدىلىكتە پۇل مەملىكىتىمىزدە قىلىپ قالىدىغان بولدى. شۇڭا ئۇلار پىتنە – پاسات چىقىرىشقا ئۇرىنىدۇ. تەھدىت ۋە ھەربىي ئىسيانلار ئارقىلىق خەلقىمىزگە دەرس بېرىشكە ئۇرىنىۋاتىدۇ. بىراق تۈركىيە بۇنىڭغا بويۇن ئېگەمدۇ؟ ھەرگىز ئەگمەيدۇ» دېدى.

بىنالى يىلدىرىم: «ياۋروپادا <ئەردوغان دىكتاتور> سەرلەۋھىلىك خەۋەرلەرنى ئېلان قىلىشىدۇ. نېمىشقا؟ چۈنكى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئۆز دۆلىتىنىڭ بايلىقىنىڭ شۈمۈرىلىشىگە يول قويمىدى. دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ئايرودورۇم ياسىماقچى بولدى. دۆلىتىنى دۇنيا بازىرىدا تېخىمۇ كۆپ پايدىغا ئىگە قىلىۋاتىدۇ. دەل مانا بۇ ۋەجىدىن 16 – ئاپرىل ئىنتايىن مۇھىم. 16 – ئاپرىلدا قوللاپ بېلەت تاشلاش؛ تېخىمۇ كۈچلۈك تۈركىيەنى، تېخىمۇ تەرەققىي قىلغان تۈركىيەنى، ئالىي دېموكراتىيەنى، تېررورلۇققا خاتىمە بېرىشنى، قېرىنداشلىق، بىرلىك ۋە باراۋەرلىكنى قوللاپ بىلەت تاشلىغانلىق بولىدۇ» دېدى.

بىنالى يىلدىرىم يەنە: «ھەممىمىز شۇنى ياخشى بىلىمىزكى، رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا تەھدىت سېلىۋاتقان دۆلەتلەر ئەسلىدە تۈركىيەگە تەھدىت سالماقتا. بىز بۇنى ئىنتايىن ياخشى بىلىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر