تۈركىيە شىۋېيتسارىيەلىك ئەمەلدارلارنى ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىردى

باش مىنىستىر ياردەمچىسى نۇمان قۇرتۇلمۇش، شەنبە كۈنى شىۋېيتسارىيەنىڭ پايتەختى بېرندا تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن يىغىلىش توغرىسىدا شىۋېيتسارىيەلىك ئەمەلدارلارنى ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىردى.

700976
تۈركىيە شىۋېيتسارىيەلىك ئەمەلدارلارنى ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قۇرتۇلمۇش، بېرندا تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى PKK، DHKP-C ۋە YPG قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان گۇرۇپپىلار تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن يىغىلىشتا جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا ئۆچمەنلىك ئىپادىلەنگەن پىلاكاتنىڭ سەۋر قاچىسىنى توشقۇزغان، پۈتكۈل ئەدەب – ئەخلاق ۋە دېموكراتىيە چېگرالىرىنى ھالقىغان بىر ھاقارەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

تۈركىيەنىڭ تەشەببۇسلىرى نەتىجىسىدە شىۋېيتسارىيە دائىرىلىرىنىڭ يىغىلىش ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى باشلىغانلىقىنى خاتىرىلىتىپ ئۆتكەن قۇرتۇلمۇش، «پەقەت يىغىلىش ئۆتكۈزگەنلەرلا ئەمەس، ئۇ يىغىلىشقا رۇخسەت قىلغۇچىلارمۇ تەكشۈرۈلۈشى كېرەك، بۇ بىر سىياسىي سەتچىلىكتۇر. شىۋېيتسارىيەگە ئوخشاش بىر دۆلەتتە خەلق تەرىپىدىن سايلانغان بىر جۇمھۇر رەئىسكە؛ ئەردوغاننى ھۇجۇم نىشانى قىلغان پىلاكاتلار بىلەن «رەت قىلىش» يىغىلىشى ئۆتكۈزۈلۈشى قەتئىي قوبۇل قىلىنمايدۇ. شىۋېيتسارىيە سىياسىي مەنىدىمۇ قەدەم تاشلىشى كېرەك» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر