بۇ ھەپتە تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا ئېغىر زەربە بېرىلگەن ھەپتە بولدى
بۇ ھەپتە ھەم تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا، ھەم تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش ۋە فەتھۇللاھچى ئۇنسۇرلارغا ئېغىر زەربە بېرىلدى.
![بۇ ھەپتە تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا ئېغىر زەربە بېرىلگەن ھەپتە بولدى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/9d2e/2b81/3831/5812f351afdcf.jpg?time=1719101025)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يېقىنقى بىر ھەپتە ئىچىدە مەملىكەت مىقياسىدا ئېلىپ بېرىلغان تېررورلۇققا قارشى كۈرەش نەتىجىسىدە، پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزالىرىدىن 46 سى ئۇجۇقتۇرۇلدى، 11 تېررورچى تىرىك قولغا چۈشتى. پ ك ك غا ياردەم قىلىش جىنايىتى بىلەن 551 كىشى قولغا ئېلىندى.
تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ زەھەرلىك چېكىملىك، تاماكا ۋە يېقىلغۇ ئەتكەسچىلىرىگە ئېغىر زەربە بېرىلدى.
تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش بىلەن چېتىشلىقى بولغان 42 كىشى ۋە فەتھۇللاھچى تېرررولۇق تەشكىلاتى بىلەن چېتىشلىق 1210 كىشى قولغا ئېلىندى.
قانۇنسىز كۈچمەنلىككە قارشى كۈرەش دائىرىسدە بولسا، 695 كىشى دېڭىزدىن بولۇپ، جەمئىي 2570 قانۇنسىز كۈچمەن قولغا چۈشۈرۈلدى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![تۈركىيە تېررورچىلارغا زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/828b/04e9/7c0a/666c1fc0b666e.jpg?time=1719101025)
تۈركىيە تېررورچىلارغا زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا
تۈركىيە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قەتئىي ئىرادە بىلەن ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرماقتا.