ئاۋستىرىيەدىكى تۈركىيە ئەلچىخانىسىنىڭ رېفېراندۇم تەييارلىقلىرى ئاخىرلاشتى

ئاۋستىرىيەدە ياشاۋاتقان تۈركلەرنىڭ جۇمھۇر رەئىسلىك ھۆكۈمەت تۈزۈمى تەكلىپ قىلىنغان ئاساسىي قانۇن رېفېراندۇمىغا 27-مارتتىن 9-ئاپرېلغىچە بېلەت تاشلىشى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان تەييارلىقلار ئاخىرلاشتى.

698659
ئاۋستىرىيەدىكى تۈركىيە ئەلچىخانىسىنىڭ رېفېراندۇم تەييارلىقلىرى ئاخىرلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاۋسترىيەدە 110 مىڭغا يېقىن تۈركىيە پۇقراسى بېلەت تاشلايدىغان بولۇپ، تۈركىيەنىڭ پايتەخت ۋىيېننادىكى ئەلچىخانىسى، برېگنېز ۋە سالزبۇرگ كونسۇلخانىلىرىدا ئاۋاز ساندۇقى تەسىس قىلىندى. ئاۋاز تاشلاش تاموژنا ئېغىزلىرىدا 27-مارت باشلىنىپ، 16-ئاپرېلغىچە داۋاملىشىدۇ.

تۈركىيەنىڭ ۋىيېننادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى تاييار قاغانئاتاي مۇنداق دېدى:

«بارلىق تەدبىرلەرنىڭ ئېلىنىپ، تەييارلىقلىرىمىزنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى، ئاۋستىرىيەدىكى پۇقرالىرىمىزنىڭ خاتىرجەم ۋە بىخەتەرلىك ئىچىدە شۇنداقلا بېلىتىنى تېز تاشلىيالىشى ئۈچۈن، ئەلچىخانىمىز بىلەن باشقا شەھەرلەردىكى كونسۇلخانىلىرىمىزنىڭ كۆپ غەيرەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈشنى خالايمەن.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر