بىنالى يىلدىرىم گېرمانىيەنى تەنقىد قىلدى

دۆلىتىمىز باش مىنىستىرى بىنالى يىلدىرىم گېرمانىيە ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ ئۆرە تۇرۇپ ئۇخلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ بېشىدىكى ئادەم مۇشۇنداق بولسا، ۋاي ئىسىت گېرمانىيەگە» دېدى.

695294
بىنالى يىلدىرىم گېرمانىيەنى تەنقىد قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم ئەرزىنجاندا بىر گېزىتنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، گېرمانىيە تاشقى ئىستىخبارات ئىدارىسى باشلىقىنىڭ فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنى ئاقلاشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى توغرىسىدا ئالاھىدە توختالدى. بىنالى يىلدىرىم: «گېرمانىيە ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ بېشىدىكى ئادەم مۇشۇنداق بولسا، ۋاي ئىسىت گېرمانىيەگە، ئۇ فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىدىن بىخەۋەر» دېدى.

بىنالى يىلدىرىم ئامېرىكا بىلەن رۇسىيەنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سۈرىيەدىكى گۇماشتىسى ي پ گ نى قوللاۋاتقانلىقى ئۈستىدىمۇ توختالدى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«پ ي د بىلەن ي پ گ، پ ك ك نىڭ نەۋرە ئىنىلىرى. تېررورلۇق تەشكىلاتى بىلەن مۇناسىۋەت ئورناتقانلار بىزنى ئويلىمايدۇ. تۈركىيە ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە كېلەچىكى ئۈچۈن ھەر خىل تەدبىرلەرنى يولغا قويالايدىغان ئىقتىدارغا ۋە كۈچكە ئىگە دۆلەتتۇر.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر