«گوللاندىيەنىڭ تۇتقان پوزىتسىيەسى دىپلوماتىيە تارىخىدىكى ئەڭ نومۇس قىلارلىق ئىش»

ئائىلە ۋە ئىجتىمائىي سىياسەتلەر مىنىستىرى فاتما بەتۈل سايانكايا گوللاندىيەنىڭ 11 – مارت كېچىسى تۇتقان ئىنسان قېلىپىدىن چىققان پوزىتسىيەسىنى «دىپلوماتىيە تارىخىدىكى ئەڭ نومۇس قىلارلىق ئىش» دەپ ئاتىدى.

693692
«گوللاندىيەنىڭ تۇتقان پوزىتسىيەسى دىپلوماتىيە تارىخىدىكى ئەڭ نومۇس قىلارلىق ئىش»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر كايا دېڭىزلىق كارخانىچىلار ۋە سودا - سانائەتچىلەر مۇنبىرى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن «سودا – سانائەت دۇنياسى كېڭەش يىغىنى» دا قىلغان سۆزىدە، ئۆتكەن ھەپتە گېرمانىيە ۋە گوللاندىيەدىكى تۈركلەر بىلەن بىر يەرگە جەم بولغانلىقىنى، بىراق گوللاندىيەدىكى تۈركلەر بىلەن ئۇچرىشىش مەقسىتىدە  روتتېردام شەھىرىدىكى تۈركىيە كونسۇلخانىسىغا بېرىشقا 30 مېتىر قالغاندا ساقچىلارنىڭ توسقۇنلۇقىغا ئۇچرىغانلىقىنى، شۇنداقتىمۇ زوراۋانلىققا قەتئىي باش ئەگمىگەنلىكلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئۇ كېچىسى گوللاندىيەنىڭ ئىنسان قېلىپىدىن چىققان قىلمىشى، بىزگە قىلغان مۇئامىلىسى ۋە تۇتقان پوزىتسىيەسى دىپلوماتىيە تارىخىدىكى ئەڭ نومۇس قىلارلىق ئىش ھېسابلىنىدۇ. گوللاندىيە ساقچىلىرى مېنى چېگرادىن قوغلاپ چىقارماقچى بولدى، كونسۇل ۋە مەسلىھەتچىسىنى قولغا ئالدى. ھالبۇكى، بۇنداق ۋەقە دىپلوماتىيە تارىخىدا ھېچ كۆرۈلۈپ باقمىغانىدى. ئايال مىنىستىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۇنداق ئىنسان قېلىپىدىن چىققان مۇئامىلىنى ئەيىبلەيدىغانلىقىمنى بىلدۈردۈم. گوللاندىيەنىڭ 8 – مارت خەلقئارا خانىم - قىزلار بايرىمى كۈنىدىن 3 كۈن كېيىن ياۋروپانىڭ مەركىزىدە بىزگە بۇنداق مۇئامىلە قىلىشى مېنى چوڭقۇر ئويغا سالماقتا.»

تۈنۈگۈنمۇ نىيۇ يوركتا چاقىرىلغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئاياللارنىڭ سالاھىيىتى كومىتېتىنىڭ 61 – قېتىملىق يىغىنىدا گوللاندىيەدىكى كەچۈرمىشلىرى ھەققىدە دوكلات سۇنغانلىقىنى ئەسكەرتكەن كايا، دوكلاتىدا پۈتكۈل دۇنيانىڭ كۆز ئالدىدا ئىنسان قېلىپىدىن چىققان مۇئامىلىگە ئۇچرىغانلىقىنى، باشقا ئەللەرنىڭ ئايال مىنىستىرلىرىغا كەچۈرمىشلىرىنى سۆزلەپ بەرگەندە ھاڭ – تاڭ قالغانلىقىنى ۋە گوللاندىيەنى قاتتىق ئەيىبلىگەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «راستىنى ئېيتقاندا، بۇ تۈركىيەنىڭ قۇدرەت تېپىشىنى خالىمىغان گوللاندىيەنىڭ بىزگە قىلغان مۇئامىلىسى ئىدى.»

گوللاندىيە ھۆكۈمىتى شەنبە كۈنى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئولتۇرغان ئايروپىلاننىڭ قونۇشىغا رۇخسەت قىلمىغان، ئائىلە ۋە ئىجتىمائىي سىياسەتلەر مىنىستىرى فاتما بەتۈل سايانكايانىڭ تۈركىيەنىڭ  روتتېردام كونسۇلخانىغا كىرىشىگە يول قويمىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر