يېڭى يىپەك يولى قۇرۇلۇشى لايىھەسى ۋە تۈركىيە

«دۇنيا ئىقتىسادى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا «يېڭى يىپەك يولى قۇرۇلۇشى لايىھەسى ۋە تۈركىيە» ماۋزۇلۇق تېمىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.

692041
يېڭى يىپەك يولى قۇرۇلۇشى لايىھەسى ۋە تۈركىيە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: يىپەك يولى خىتايدىن باشلىنىپ، ئانادولۇ (ئاناتولىيە) ۋە ئاق دېڭىزنى بېسىپ ئۆتۈپ ياۋروپادا ئاخىرلىشىدىغان بىر سودا يولىغا ۋەكىللىك قىلماقتا. شەرق بىلەن غەرب مەدەنىيىتى ئارىسىدىكى ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىشنى تارىخ بويىچە كاپالەتكە ئىگە قىلىپ كېلىۋاتقان، شۇنداقلا نامىنى ئەڭ مۇھىم سىمۋولى بولغان «يىپەك» تىن ئالغان بۇ سودا يولى، تەڭداش ياكى بەدەل ئورۇندىكى بېسىپ ئۆتۈش يوللىرىنىڭ تېپىلىشى بىلەن بىرلىكتە بىر مەزگىل ئەھمىيىتىنى يوقىتىپ  قويغان بولسىمۇ، يېقىنقى يىللاردا يۈز بەرگەن ئۆزگىرىشلەر نەتىجىسىدە قايتىدىن دۇنيانىڭ كۈنتەرتىپىگە كىردى.

2000 – يىللارنىڭ باشلىرىدىن تارتىپلا كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئىقتىسادىي گۈللىنىش نامايان قىلغان خىتاي، ئەرزانغا توختىغان مەھسۇلاتلىرىنىڭ ياۋروپا بازىرىغا ئېكسپورت قىلىنىشىغا قولايلىق يارىتىش ۋە خىتاي – ياۋروپا ئارىسىدىكى سودا تورىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن، يىپەك يولى لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا باشلىدى. خىتاينىڭ ئۆزى مال ئېكسپورت قىلىدىغان بازارلارنى قوغداپ قېلىش ۋە بۇلارغا يېڭى بازارلارنى ئىلاۋە قىلىش ئىستىكى، يىپەك يولى بېسىپ ئۆتىدىغان رايونلاردىكى دۆلەتلەرنىڭ دىققىتىنى قايتىدىن بۇ لىنىيەلەرگە ئاغدۇرۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلدى.

بۇ پىلان خىتاي باشتا بولۇپ، مۇستەقىللىقكە ئېرىشكەندىن كېيىن دۇنيانىڭ ئىقتىسادىي سىستېمىسىغا ماسلىشىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويغان ئوتتۇرا ئاسىيا تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرى بىلەن تۈركىيە، ئىران ۋە رۇسىيەدەك مۇھىم دۆلەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالماقتا.

يىپەك يولى قۇرۇلۇشى لايىھەسى دېڭىز ۋە قۇرۇقلۇق يوللىرىنى قوشقاندا جەمئىي 65 دۆلەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۆتۈش يولىغا جايلاشقان دۆلەتلەرگە قارايدىغان بولساق، لايىھەنىڭ ئاساسلىقى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردىن ئۆتىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. خىتاينى ئوتتۇرا ئاسىيا ئارقىلىق ياۋروپاغا تۇتاشتۇرىدىغان بۇ يولنىڭ پۈتۈشى بىلەن بىرلىكتە قۇرۇقلۇق، دېڭىز ۋە تۆمۈر يولى قاتنىشىدا ماسلىشىشنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى، دۇنيا سودا يوللىرىنىڭ كۆپ خىللاشتۇرۇلۇشى ۋە قاتناش ۋاقىتىنىڭ قىسقارتىلىپ، چىقىمىنىڭ تۆۋەنلىتىلىشى نىشان قىلىنماقتا.

يىپەك يولى قۇرۇلۇشى لايىھەسىنىڭ خىتايغا پايدا يارىتىش بىلەن بىرگە، باشقا دۆلەتلەرنىڭمۇ ئىقتىسادىي مۇناسىۋەت تورىنى كۈچەيتىشى كۈتۈلمەكتە. يىپەك يولى بېسىپ ئۆتىدىغان رايونلاردا سودىنىڭ يېڭىچە تۈسكە كىرىشى، باياشاتلىق نىسبىتىنى ئاشۇرۇشى ۋە يېڭى ئەمگەك – خىزمەت ئىمكانىيەتلىرىنى يارىتىدىغان  بولۇشى بىلەنمۇ بۇ لايىھە، بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىنى ۋە تېخىمۇ يۇقىرى بازار پېيىنى قولغا كەلتۈرۈشنى نىشان قىلىۋاتقان ئوتتۇرا شەرق ۋە ئاخىرىدا تۈركىيە بىلەن ياۋروپاغىمۇ ئىجابىي تەسىرلەرنى كۆرسىتىدۇ.

شۇڭا، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن خىتاي ئارىسىدا ئۆرلەيدىغان مەۋجۇت سودا ھەجىمى، يىپەك يولى لايىھەسىنىڭ روياپقا چىقىشى بىلەن شۈبھىسىزلا كۈچىيىدۇ. بۇ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، يىپەك يولى لايىھەسى بازارلاردىكى تۇرغۇنلۇقنىڭ ئىزلىرىدىن تېخىغىچە قۇتۇلۇپ بولالمىغان ياۋروپا ئىتتىپاقى رايونى ئۈچۈن يېڭى پۇرسەتلەرنىڭ ئىشىكلىرىنى ئاچىدۇ.

يېڭى يىپەك  يولى لايىھەسىنىڭ تۈركىيەگە كۆرسەتكۈسى تەسىرلىرى

ياۋروپا، ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا شەرق جۇغراپىيەسى ئۆزئارا كېسىشكەن نۇقتىغا جايلاشقان تۈركىيە، لايىھەنىڭ تاش يول ۋە تۆمۈر يوللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان يىپەك يولى ئىقتىسادىي بەلبېغى لىنىيەسىنىڭ ياۋروپاغا تۇتىتىش نۇقتىسىنى ھاسىل قىلماقتا. يىپەك يولى لايىھەسى سايىسىدا تۈركىيەنىڭ بۇ لايىھەنىڭ دائىرىسىدىكى باشقا دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىمۇ گۈللىنىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىرگە، تۈركىيەگە ئىشەنچلىك بىر دۆلەت تونۇشىنى بېغىشلايدىغان بۇ لايىھە، دۆلەتكە كۆرىنەرلىك دەرىجىدە سەرمايە كىرىشىنىمۇ كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ.

ئاسىيا ئەللىرى بىلەن ياۋروپا ئارىسىدا قىلىنىدىغان سودىنىڭ تۇتىشىش نۇقتىسىنى شەكىللەندۈرىدىغان تۈركىيە، بۇ دائىرىدە ئاسىيا سەرمايىسىنى جەلپ قىلىش جەھەتتە مۇھىم ئورۇنغا كېلىدۇ. سەرمايە بىرىكمىسى نۇقتىسىدىن دۇنيانىڭ يېڭى مەركەزلىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغان ئاسىيا ئەللىرى ئىگە بولغان مەبلەغ نەزەرگە ئېلىنغىنىدىمۇ، تۈركىيەنىڭ بۇ مەبلەغلەر سېلىنمىغا ئايلىنىدىغان دۆلەتلەرنىڭ ئالدىنقى قاتارىدىن ئورۇن ئېلىش ئىمكانىيىتى يۇقىرى.

خىتايدىن ياۋروپاغىچە سۇزۇلىدىغان بىر سودا يولىنى روياپقا چىقىرىشنى نىشان قىلغان يىپەك يولىغا ياتقۇزۇلۇشى پىلانلىنىۋاتقان تەبىئىي گاز ۋە نېفىت تۇرۇبا لىنىيەلىرىمۇ تۈركىيەنىڭ ئاسىيا بىلەن ياۋروپا ئەللىرى ئارىسىدىكى رولىغا پائاللىق بېغىشلايدۇ. تۈركىيەنىڭ كېلەچەكتىكى ئىقتىسادىي نىشانلىرىغا يېتىش يولىدا قوشىدىغان تۆھپلىرىگە ئىلاۋەتەن يىپەك يولى لايىھەسى، ئېنېرگىيە سودىسىدا مەركەز بولۇش بولۇش يولىدا پۇرسەتلەرنىمۇ يارىتىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر