چەت ئەللەردە بېلەت تاشلىنىدىغان ۋاقىت ۋە ئورۇن ئېلان قىلىندى
جۇمھۇر رەئىسلىك ھۆكۈمەت تۈزۈمى تەكلىپ قىلىنغان ئاساسىي قانۇنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش ئۈچۈن 16-ئاپرېلدىكى بېلەت تاشلاشتا، چەت ئەللەردىمۇ ئاۋاز ساندۇقى تەسىس قىلىنىدۇ.
![چەت ئەللەردە بېلەت تاشلىنىدىغان ۋاقىت ۋە ئورۇن ئېلان قىلىندى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/03c9/944b/62c1/58c8ffdea21cc.jpg?time=1719026431)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 16-ئاپرېلدىكى رېفېراندۇم ئۈچۈن 57 دۆلەتتىكى 120 ئەلچىخانا ۋە كونسۇلخانىلاردا 27-مارتتىن 9-ئاپرېلغىچە بېلەت تاشلىنىدۇ. 500 دىن ئارتۇق تۈركىيە پۇقراسى بولغان دۆلەتلەردە ئاۋاز ساندۇقى تەسىس قىلىنىدۇ. 2015-يىلى 1-نويابىر ئۆتكۈزۈلگەن ئومۇمىي سايلامدا 54 دۆلەتتە ياشاۋاتقان تۈركىيە پۇقرالىرى 113 ئەلچىخانا ۋە كونسۇلخانىدا بېلەت تاشلىغان بولسا، 16-ئاپرېلدىكى رېفېراندۇمدا ئىراق، سىنگاپور ۋە لىيۇكسېمبۇرگدىكى تۈركىيە پۇقرالىرىمۇ بېلەت تاشلىيالايدىغان بولدى.
تاموژنا ۋە چېگرا ئاغزىلىرىدىكى بېلەت تاشلاش ئىشلىرى بولسا، 27-مارتتا باشلىنىدۇ. بېلەت تاشلاش چەت ئەللەردە 9-ئاپرېلدا، تاموژنا ۋە چېگرا ئاغزىلىرىدا 16-ئاپرېلدا ئاخىرلىشىدۇ. گېرمانىيە، ئاۋستىرىيە، بېلگىيە، فىرانسىيە، دانىيە ۋە شىۋېيتسارىيە قاتارلىقلار چەت ئەللەردە بېلەت تاشلاش ئىشلىرى ئەڭ ئۇزۇن داۋاملىشىدىغان دۆلەتلەر ھېسابلىنىدۇ. بۇ دۆلەتلەردە بېلەت تاشلاش 27-مارتتىن 9-ئاپرېلغىچە 14 كۈن داۋاملىشىدۇ. گېرمانىيەدە 13 نۇقتىدا، ئاۋستىرىيەدە 3 نۇقتىدا، بېلگىيەدە 2، فىرانسىيەدە 6، دانىيەدە 1 ۋە شىۋېيتسارىيەدە 3 نۇقتىدا ئاۋاز ساندۇقى تەسىس قىلىنىدۇ.
بېلەت تاشلاش ئامېرىكىدا 1-ئاپرېل، ئەنگلىيەدە 6-ئاپرېل، شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى بىلەن گوللاندىيەدە 5-ئاپرېل، ئىتالىيە بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستاندا 7-ئاپرېل، گىرېتسىيە بىلەن رۇسىيەدە 8-ئاپرېل باشلىنىپ، 9-ئاپرېلغىچە داۋاملىشىدۇ. ياپونىيە، خىتاي ۋە جەنۇبىي ئافرىقىدا 9-ئاپرېل بىر كۈن داۋاملىشىدۇ.
چەت ئەللەردە ئاۋاز ساندۇقى تەسىس قىلىنىدىغان دۆلەتلەر، بېلەت تاشلىنىدىغان نۇقتىلار ۋە بېلەت تاشلايدىغان ۋاقىت تۆۋەندىكىچە:
1.ئامېرىكا-ۋاشىنگتون ئەلچىخانىسى ۋە نىيۇ يورك، لوس ئانژېلىس، چىكاگو، خوستون، بوستون، مىئامى كونسۇلخانىلىرىدا 2017-يىلى 1-ئاپرېلدىن 9-ئاپرېلغىچە بېلەت تاشلىنىدۇ.
2.گېرمانىيە-بېرلىن ئەلچىخانىسى ۋە ستۇتگارت، فرانكفۇرت، دۈسسېلدورف، كۆلىن، ئېسسېن، مىيۇنخېن، مۈنىستېر، ھاننوۋېر، كارسلرۇلھې، ھامبۇرگ، نۈرنبېرگ، مېنىز كونسۇلخانىلىرىدا 2107-يىلى 27-مارتتىن 9-ئاپرېلغىچە بېلەت تاشلىنىدۇ.
3.ئالبانىيە-تىرانا ئەلچىخانىسىدا 2017-يىلى 9-ئاپرېل بېلەت تاشلىنىدۇ.
4.ئاۋستىرالىيە-كانبېررا ئەلچىخانىسى ۋە مېلبۇرن، سىدنېي كونسۇلخانىلىرىدا 2017-يىلى 31-مارتتىن 9-ئاپرېلغىچە بېلەت تاشلىنىدۇ.
5.ئاۋستىرىيە-ۋىيېننا ئەلچىخانىسى ۋە سالزبۇرگ، برېگېنز كونسۇلخانىلىرىدا 2017-يىلى 27-مارتتىن 9-ئاپرېلغىچە بېلەت تاشلىنىدۇ.
6.ئەزەربەيجان-باكۇ ئەلچىخانىسى ۋە نەھچىۋان كونسۇلخانىسىدا 2017-يىلى 9-ئاپرېل بېلەت تاشلىنىدۇ.
7.بەھرەين-ماناما ئەلچىخانىسىدا 2017-يىلى 9-ئاپرېل بېلەت تاشلىنىدۇ.
8.بېلگىيە-بىريۇسسېل ئەلچىخانىسى ۋە ئانۋېرس كونسۇلخانىسىدا 2017-يىلى 27-مارتتىن 9-ئاپرېلغىچە بېلەت تاشلىنىدۇ.
9.ئەنگلىيە-لوندون ئەلچىخانىسى ۋە ئېدىنبۇرگ كونسۇلخانىسىدا 2017-يىلى 6-ئاپرېلدىن 9-ئاپرېلغىچە بېلەت تاشلىنىدۇ.
10.ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى-ئابۇ دابى ئەلچىخانىسى ۋە دۇبەي كونسۇلخانىسىدا 2017-يىلى 8-ئاپرېلدىن 9-ئاپرېلغىچە بېلەت تاشلىنىدۇ.
11.بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنا-سارايېۋۇ ئەلچىخانىسىدا 8-ئاپرېلدىن 9-ئاپرېلغىچە بېلەت تاشلىنىدۇ.
12.بۇلغارىيە-سوفىيە ئەلچىخانىسى ۋە فىلىبە، بۇرگاز كونسۇلخانىلىرىدا 2017-يىلى 7-ئاپرېلدىن 9-ئاپرېلغىچە بېلەت تاشلىنىدۇ.
13.ئالجىرىيە-ئالجىر ئەلچىخانىسىدا 2017-يىلى 8-ئاپرېلدىن 9-ئاپرېلغىچە بېلەت تاشلىنىدۇ.
14.چېخيە-پىراگا ئەلچىخانىسىدا 2017-يىلى 9-ئاپرېل بېلەت تاشلىنىدۇ.
15.خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى-بېيجىڭ ئەلچىخانىسى ۋە شاڭخەي، خوڭكوڭ، گۇاڭجۇ كونسۇلخانىلىرىدا 2017-يىلى 9-ئاپرېل بېلەت تاشلىنىدۇ.
16.دانىيە-كوپىنھاگېن ئەلچىخانىسىدا 2017-يىلى 27-مارتتىن 9-ئاپرېلغىچە بېلەت تاشلىنىدۇ.
17. فىنلاندىيە-خېلسىنكى ئەلچىخانىسىدا 2017-يىلى 8-ئاپرېلدىن 9-ئاپرېلغىچە بېلەت تاشلىنىدۇ.
18.فىرانسىيە-پارىژ ئەلچىخانىسى ۋە سترازبۇرگ، لېئون، مارىسليا، نانتېس، بوردېيۇكس كونسۇلخانىلىرىدا 2017-يىلى 27-مارتتىن 9-ئاپرېلغىچە بېلەت تاشلىنىدۇ.
19.جەنۇبىي ئافرىقا-پىرېتورىيە ئەلچىخانىسىدا 2017-يىلى 9-ئاپرېل بېلەت تاشلىنىدۇ.
20.گىرۇزىيە-تىبلىس ئەلچىخانىسى ۋە باتۇم كونسۇلخانىسىدا 2017-يىلى 9-ئاپرېل بېلەت تاشلىنىدۇ.
21.گوللاندىيە-روتتېردام ئەلچىخانىسى ۋە ئامىستېردام ۋە دېۋېنتېر كونسۇلخانىلىرىدا 2017-يىلى 5-ئاپرېلدىن 9-ئاپرېلغىچە بېلەت تاشلىنىدۇ.
22.ئىراق-باغداد ئەلچىخانىسى ۋە ئەربىل كونسۇلخانىسىدا 2017-يىلى 8-ئاپرېلدىن 9-ئاپرېلغىچە بېلەت تاشلىنىدۇ.
23.ئىران-تېھران ئەلچىخانىسى ۋە تەبرىز، ئۇرۇمىيە كونسۇلخانىلىرىدا 2017-يىلى 9-ئاپرېل بېلەت تاشلىنىدۇ.
24.ئىرېلاندىيە-دۇبلىن ئەلچىخانىسىدا 2017-يىلى 9-ئاپرېل بېلەت تاشلىنىدۇ.
25.ئىسپانىيە-مادرىد ئەلچىخانىسى ۋە بارسېلونا كونسۇلخانىسىدا 2017-يىلى 9-ئاپرېل بېلەت تاشلىنىدۇ.
26.ئىسىرائىلىيە-تېل ئاۋىۋ ئەلچىخانىسىدا 2017-يىلى 8-ئاپرېلدىن 9-ئاپرېلغىچە بېلەت تاشلىنىدۇ.
27.شىۋېتسىيە-ستوكھولم ئەلچىخانىسىدا 2017-يىلى 8-ئاپرېلدىن 9-ئاپرېلغىچە بېلەت تاشلىنىدۇ.
28.شىۋېيتسارىيە-بېرن ئەلچىخانىسى ۋە زۇرىخ ۋە جەنۋە كونسۇلخانىلىرىدا 2017-يىلى 27-مارتتىن 9-ئاپرېلغىچە بېلەت تاشلىنىدۇ.
29.ئىتالىيە-رىم ئەلچىخانىسى ۋە مىلانو كونسۇلخانىسىدا 2017-يىلى 7-ئاپرېلدىن 9-ئاپرېلغىچە بېلەت تاشلىنىدۇ.
30.ياپونىيە-توكيو ئەلچىخانىسىدا 2017-يىلى 9-ئاپرېل بېلەت تاشلىنىدۇ.
31.كانادا-ئوتتاۋا ئەلچىخانىسى ۋە تورونتو، ۋانكوۋېر ۋە مونترېيال كونسۇلخانىلىرىدا 2017-يىلى 7-ئاپرېلدىن 9-ئاپرېلغىچە بېلەت تاشلىنىدۇ.
32.قاتار-دوھا ئەلچىخانىسىدا 2017-يىلى 9-ئاپرېل بېلەت تاشلىنىدۇ.
33.قازاقىستان-ئاستانا ئەلچىخانىسى ۋە ئالماتا، ئاقتاۋ كونسۇلخانىلىرىدا 2017-يىلى 8-ئاپرېلدىن 9-ئاپرېلغىچە بېلەت تاشلىنىدۇ.
34.قىرغىزىستان-بىشكەك ئەلچىخانىسىدا 2017-يىلى 8-ئاپرېلدىن 9-ئاپرېلغىچە بېلەت تاشلىنىدۇ.
35.كوسوۋۇ-پرىشتىنە ئەلچىخانىسى ۋە پىرىزرېن كونسۇلخانىسىدا 2017-يىلى 9-ئاپرېل بېلەت تاشلىنىدۇ.
36.كۇۋەيت-كۇۋەيت ئەلچىخانىسىدا 2017-يىلى 9-ئاپرېل بېلەت تاشلىنىدۇ.
37.شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى-لەفكوشا ئەلچىخانىسىدا 2017-يىلى 5-ئاپرېلدىن 9-ئاپرېلغىچە بېلەت تاشلىنىدۇ.
38.لىۋان-بېيرۇت ئەلچىخانىسىدا 2017-يىلى 9-ئاپرېل بېلەت تاشلىنىدۇ.
39.لىيۇكسېمبۇرگ-لىيۇكسېمبۇرگ ئەلچىخانىسىدا 2017-يىلى 29-مارتتىن 9-ئاپرېلغىچە بېلەت تاشلىنىدۇ.
40.ۋېنگىرىيە-بۇداپېشت ئەلچىخانىسىدا 2017-يىلى 9-ئاپرېل بېلەت تاشلىنىدۇ.
41.ماكېدونىيە-سىكوپژى ئەلچىخانىسىدا 2017-يىلى 8-ئاپرېلدىن 9-ئاپرېلغىچە بېلەت تاشلىنىدۇ.
42.مىسىر-قاھىرە ئەلچىخانىسى ۋە ئىسكەندىرىيە كونسۇلخانىسىدا 2017-يىلى 9-ئاپرېل بېلەت تاشلىنىدۇ.
43. نورۋېگىيە-ئوسلو ئەلچىخانىسىدا 2017-يىلى 1-ئاپرېلدىن 9-ئاپرېلغىچە بېلەت تاشلىنىدۇ.
44.ئۆزبېكىسستان-تاشكەنت ئەلچىخانىسىدا 2017-يىلى 9-ئاپرېل بېلەت تاشلىنىدۇ.
45.پولشا-ۋارشاۋا ئەلچىخانىسىدا 2017-يىلى 9-ئاپرېل بېلەت تاشلىنىدۇ.
46.رۇمېنىيە-بۇخارېست ئەلچىخانىسيى ۋە كۆستەنجە كونسۇلخانىسىدا 2017-يىلى 6-ئاپرېلدىن 9-ئاپرېلغىچە بېلەت تاشلىنىدۇ.
47.رۇسىيە-موسكۋا ئەلچىخانىسى ۋە قازان، نوۋوروسسىك، سائىنت پېتېرسبۇرگ كونسۇلخانىلىرىدا 2017-يىلى 8-ئاپرېلدىن 9-ئاپرېلغىچە بېلەت تاشلىنىدۇ.
48.سىنگاپور-سىنگاپور ئەلچىخانىسىدا 2017-يىلى 9-ئاپرېل بېلەت تاشلىنىدۇ.
49. سۇدان-خارتۇم ئەلچىخانىسىدا 2017-يىلى 9-ئاپرېل بېلەت تاشلىنىدۇ.
50.سەئۇدى ئەرەبىستان-رىياد ئەلچىخانىسى ۋە جىددە كونسۇلخانىسىدا 2017-يىلى 7-ئاپرېلدىن 9-ئاپرېلغىچە بېلەت تاشلىنىدۇ.
51.تايلاند-باڭكوك ئەلچىخانىسىدا 2017-يىلى 9-ئاپرېل بېلەت تاشلىنىدۇ.
52.تۈركمەنىستان-ئاشخاباد ئەلچىخانىسىدا 2017-يىلى 7-ئاپرېلدىن 9-ئاپرېلغىچە بېلەت تاشلىنىدۇ.
53.ئۇكرائىنا-كىيېۋ ئەلچىخانىسى ۋە ئودېسسا كونسۇلخانىسىدا 2017-يىلى 9-ئاپرېل بېلەت تاشلىنىدۇ.
54.ئومان-مەسقات ئەلچىخانىسىدا 2017-يىلى 9-ئاپرېل بېلەت تاشلىنىدۇ.
55.ئىيوردانىيە-ئاممان ئەلچىخانىسىدا 2017-يىلى 9-ئاپرېل بېلەت تاشلىنىدۇ.
56.يېڭى زېلاندىيە-ۋېللىڭتون ئەلچىخانىسىدا 2017-يىلى 9-ئاپرېل بېلەت تاشلىنىدۇ.
57.گىرېتسىيە-ئافېنا ئەلچىخانىسى، سەلانىك، رودوس ۋە گۈمۈلجىنە كونسۇلخانىلىرىدا 2017-يىلى 8-ئاپرېلدىن 9-ئاپرېلغىچە بېلەت تاشلىنىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![تۈركىيە تېررورچىلارغا زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/828b/04e9/7c0a/666c1fc0b666e.jpg?time=1719026431)
تۈركىيە تېررورچىلارغا زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا
تۈركىيە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قەتئىي ئىرادە بىلەن ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرماقتا.