مەۋلۈت جاۋۇشئوغلۇ گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ گېرمانىيەلىك مەنسەپدىشىغا تۈركىيە سىياسەتچىلىرى ۋە مىنىستىرلىرىنىڭ گېرمانىيەدىكى تۈركىيە پۇقرالىرى بىلەن ئۇچرىشىش پىروگراممىلىرىغا قارىتىلغان چەكلىمىلەرگە نارازىلىقىنى بىلدۈردى.

686016
مەۋلۈت جاۋۇشئوغلۇ گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە بىلەن گېرمانىيە ئوتتۇرىسىدا دېپلوماتىك تېلېفون ئۇچرىشىشلىرى داۋاملاشماقتا.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت جاۋۇشئوغلۇ گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سىگمار گابرېل بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

يېقىنقى 4 كۈن ئىچىدە ئېلىپ بېرىلغان بۇ 3 – قېتىملىق تېلېفون سۆھبىتىدە، تۈركىيە سىياسەتچىلىرى ۋە مىنىستىرلىرىنىڭ گېرمانىيەدە پىلانلانغان تۈركىيە پۇقرالىرى بىلەن ئۇچرىشىش پىروگراممىلىرى مۇزاكىرە قىلىندى.

مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ گېرمانىيەلىك مەنسەپدىشىغا بۇ ئۇچرىشىش پىروگراممىلىرىغا قارىتىلغان چەكلىمىلەر ۋە ئەمەلدىن قالدۇرۇش ۋەقەلىرىگە بولغان تۈركىيەنىڭ نارازىلىقىنى يەتكۈزدى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت جاۋۇشئوغلۇ بۈگۈن گېرمانىيەنىڭ ھامبورگ شەھىرىدە نۇتۇق سۆزلىمەكچى بولغان «Plaza Event Center» ناملىق يىغىن زالى «ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش سىستېمىسى يېتەرسىز» دېگەن سەۋەب بىلەن ئۆزگەرتىلگەن ئىدى.

بۇ ئارىلىقتا مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇنىڭ نۇتۇق سۆزلىشى ئۈچۈن باشقا بىر زالنىڭ تەييارلانغانلىقى ۋە بۈگۈن ئۇقتۇرۇلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان قويۇق تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىككى مىنىستىرنىڭ ئەتە 8 – مارتتا گېرمانىيەنىڭ پايتەختى بېرلىندە ئۇچرىشىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

ئەدلىيە مىنىستىرى بەكىر بوزتاغ ۋە ئىقتىساد مىنىستىرى نىھات زەيبەكچىنىڭ گېرمانىيەدە ئۆتكۈزۈشى پىلانلانغان تۈركىيە پۇقرالىرى بىلەن ئۇچرىشىش پىروگراممىسى چەكلىمىگە ئۇچرىغاندىن كېيىن، تۈركىيە بىلەن گېرمانىيە ئوتتۇرىسىدا يېرىكچىلىكلەر يۈز بەرگەن ئىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر