تۈركىيە مۇھتاجلار ئۈچۈن «ئىنسانىيەتنىڭ ئۈمىدى بولغىن»ناملىق ياردەم پائالىيىتى ئۇيۇشتۇردى

تۈركىيە شەرقىي ئافرىقا ۋە يەمەندىكى مۇھتاجلار ئۈچۈن «ئىنسانىيەتنىڭ ئۈمىدى بولغىن»ناملىق ياردەم پائالىيىتى ئۇيۇشتۇردى.

684763
تۈركىيە مۇھتاجلار ئۈچۈن «ئىنسانىيەتنىڭ ئۈمىدى بولغىن»ناملىق ياردەم پائالىيىتى ئۇيۇشتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيەنىڭ شەرقىي ئافرىقا ۋە يەمەندىكى مۇھتاجلار ئۈچۈن «ئىنسانىيەتنىڭ ئۈمىدى بولغىن»ناملىق ياردەم سەپەرۋەرلىك پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرغانلىقلىرىنى ئۇقتۇردى.

ئىجتىمائىي تاراتقۇ تور بېكىتى Twitter دىكى ئادرېسىدا تۈركچە،ئىنگلىزچە ۋە ئەرەبچە ئۇچۇر تارقاتقان جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئۇچۇرىدا مۇنۇلارنى ئورتاقلاشتى: «شەرقىي ئافرىقا دۆلەتلىرىدىن سومالى، ئېفىيوپىيە ، كېنىيە ۋە جەنۇبىي سۇدان، شۇنداقلا يەمەن ئېچىنىشلىق تىراگېدىيەلەرگە سەھنە بولماقتا.»

قۇرغاقچىلىق ۋە ئاچارچلىق ھادىسىسى بارغانچە ئېغىرلىشىپ كېتىۋاتقان بۇ دۆلەتلەرنىڭ ياردەم چاقىرىقلىرىغا سۈكۈت قىلىپ تۇرالمايدىغانلىقلىرىنى ئالاھىدە ئەسكەرتكەن ئەردوغاننىڭ ئۇچۇرىدا يەنە مۇنۇلار قەيت قىلىندى: «تۈركىيە  شەرقىي ئافرىقا ۋە يەمەندىكى مۇھتاج قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن <ئىنسانىيەتنىڭ ئۈمىدى بولغىن>ناملىق ياردەم سەپەرۋەرلىك پائالىيىتى ئۇيۇشتۇردى.  شەرقىي ئافرىقا ياكى يەمەن يېزىپ 2868گە ئۇچۇر ئەۋەتىڭ،@TurkKizilayi نىڭ ياردەم سەپەرۋەرلىك پائالىيىتىگە 10 لىرا يېزىپ بۇ پائالىيەتنى قوللاڭلار < İnsanlığın #UmuduOl >.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر