تۈركىيە يەمەن ۋە شەرقىي ئافرىقا خەلقىگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم سەپەرۋەرلىكى باشلاتتى
تۈركىيە خەلقئارا كۆچمەنلەر تەشكىلاتى جىددىي ئاچارچىلىق كىرىزىسىگە دۇچ كەلگەن 20 مىليون كىشىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن خەلقئارا جەمئىيەتكە چاقىرىق قىلغان شەرقىي ئافرىقا ۋە يەمەن خەلقىگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بېرىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتتى.
![تۈركىيە يەمەن ۋە شەرقىي ئافرىقا خەلقىگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم سەپەرۋەرلىكى باشلاتتى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/fd94/ac23/8fd8/58ba88ce46264.jpg?time=1718987424)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە قىزىلئاي جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى كېرەم قېنىق ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بەرگەن باياناتىدا، شەرقىي ئافرىقا ۋە يەمەندە قاتتىق قۇرغاقچىلىق، توقۇنۇشلار، مۇقىمسىزلىق، زوراۋانلىق ۋە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلى بەزى رايونلاردا ئاچارچىلىق يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.
جەنۇبىي سۇداندا داۋاملىشىۋاتقان توقۇنۇشلار سەۋەبىدىن بەزى رايونلارغا بېرىشنىڭ مۇمكىن بولمايۋاتقانلىقى، شۇڭا ئۇ جايلارغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملەرنىڭ پەقەت ھاۋادىنلا يەتكۈزۈلۈپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلغان قېنىق، شۇ سەۋەبتىن بۇ جايلاردا ئۆلۈم ھادىسىلىرىنىڭ باشلانغانلىقىنى ئېيتتى.
قېنىق بۇ دائىرىدە تۈركىيە قىزىلئاي جەمئىيىتىنىڭ جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق مەركىزى ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلار بىلەن ھەمكارلىشىپ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم سەپەرۋەرلىك ھەرىكىتىنى ئىشقا كىرىشتۈرگەنلىكىنى، قىيىن ئەھۋالدا قالغان كىشىلەرنىڭ يېمەك – ئىچمەك، دورا ۋە سۇ قاتارلىق ئېھتىياجلىرىنى قامداش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![تۈركىيە تېررورچىلارغا زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/828b/04e9/7c0a/666c1fc0b666e.jpg?time=1718987424)
تۈركىيە تېررورچىلارغا زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا
تۈركىيە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قەتئىي ئىرادە بىلەن ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرماقتا.