تۈركىيە ئافغانىستاندىكى تېررورلۇق ھۇجىمىدىن قاتتىق ئازابلاندى

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئافغانىستان خەلقىنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەپ بايانات ئېلان قىلدى.

683518
تۈركىيە ئافغانىستاندىكى تېررورلۇق ھۇجىمىدىن قاتتىق ئازابلاندى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلدا ئارقىمۇ - ئارقىدىن يۈز بەرگەن ۋە نۇرغۇن پۇقرانىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىشىغا سەۋەب بولغان تېررورلۇق ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا تۈنۈگۈن كابۇلدىكى ئىككى ساقچى مەركىزىگە تەڭ بىرلا ۋاقىتتا قىلىنغان تېررورلۇق ھۇجۇمىدا، ئايال ۋە كىچىك بالىلار بىلەن قوشۇلۇپ، 20 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىغا ۋە نۇرغۇن كىشىنىڭ يارىدار بولغانلىقىغا چوڭقۇر ئازابلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا: «ئافغانىستاننىڭ تىنچلىقىغا ۋە مۇقىملىقىغا كۆز تىككەن تېررورلۇق ۋەقەلىرىگە يەنە بىرسى قوشۇلغان بولدى. بۇ خائىنلارچە ھۇجۇمنى ئەڭ قاتتىق ئەيىبلەيمىز. ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا ئاللاھتىن رەھمەت، ئافغانىستان ھۆكۈمىتىگە ۋە خەلقىگە سەۋرى – تاقەت، يارىدار بولغانلارغا بالدۇرراق شىپالىق تىلەيمىز.  ئافغانىستاننى مۇقىمسىرلىققا سۆرىمەكچى بولغانلارنىڭ مەقسىتىگە يېتەلمەيدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئافغانىستان ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورلۇققا قارشى كۈرىشىنى قوللاپ – قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىمىزنى ۋە قېرىنداش ئافغانىستان خەلقى بىلەن بولغان ھەمكارلىقىمىزنى يەنە بىر قېتىم تەكىلەيمىز» دېگەن سۆزلەر ئىشلىتىلدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر