تۈركىيە ئاۋسترىيەنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ھۈسەيىن مۈفتۈئوغلۇ، ئاۋسترىيە تاشقى ئىشلار ۋە ماسلاشتۇرۇش ئىشلىرى مىنىستىرى سېباستىئان كۇرزنىڭ باياناتلىرىغا ئىنكاس قايتۇردى.

681385
تۈركىيە ئاۋسترىيەنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە، ئاۋسترىيە تاشقى ئىشلار ۋە ماسلاشتۇرۇش ئىشلىرى مىنىستىرى سېباستىئان كۇرزنىڭ، 16 – ئاپرېلدا تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتى دائىرىسىدە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئاۋسترىيەدە سايلام پائالىيىتى ئېلىپ بېرىشىنى خالىمايدىغانلىقلىرى توغرىسىدىكى باياناتىنىڭ دېموكراتىيەنىڭ ئالەمشۇمۇل پىرىنسىپلىرىغا ياراشمايدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ھۈسەيىن مۈفتۈئوغلۇ بايانات بېرىپ، كۇرزنىڭ خاتا يەكۈن ۋە قوش ئۆلچەملەرنى چىقىش قىلىدىغان پوزىتسىيەسىنىڭ يېڭى بىر ئۈلگىسىنى كۆرگەنلىكلىرىنى ئەسكەرتتى. مۈفتۈئوغلۇ، بۇ مەسئۇلىيەتسىزلەرچە شۇنداقلا ھەددىدىن ئاشقان ئىپادىلەرنى ۋە بۇنىڭ ئارقىسىدىكى بىمەنە تونۇشنى قوبۇل قىلىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى قەيت قىلدى.

چەت ئەللەردە ياشايدىغان تۈركىيە پۇقرالىرىنىڭ تۈركىيەدىكى سايلاملارغا ئاۋاز قوشۇشىنىڭ دېموكراتىيەنىڭ تەقەززاسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن مۈفتۈئوغلۇ، «بۇ مۇساپىنىڭ ئاۋسترىيە ئىچكى سىياسىتى بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوقتۇر. تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كۇرزنىڭ ئىلگىرى سۈرگىنىنىڭ ئەكسىچە، ماسلاشتۇرۇشقا ھەقىقىي زىيان يەتكۈزىدىغىنى تۈركىيە پۇقرالىرىنى دېموكراتىك ھەقلىرىدىن مەھرۇم قىلىشقا يولىدىكى بۇ خىل چەتكە قاققۇچى سۆزلەردۇر. پۈتۈنلەي خاتا مۇھاكىمىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان بۇ باياناتنى ماسلاشتۇرۇش ئىشلىرىغا مەسئۇل بىر مىنىستىرنىڭ بېرىشى ئەندىشە يارىتىدۇ» دېدى.

ھۈسەيىن مۈفتۈئوغلۇ، «ئىرقچى ۋە ئىسلامغا قارشى پوزىتسىيەلىرى بىلەن ئاشقۇن پارتىيەلەرنىمۇ ئارقىدا قالدۇرۇۋاتقان كۇرزنىڭ خۇسۇسىي سىياسىي ئارزۇلىرى ئۈچۈن دۆلىتىمىزنى تېما قىلىپ، يېڭىدىن كۈنتەرتىپ يارىتىش تىرىشچانلىقى ئىچىدە ئىكەنلىكى كۆرۈلمەكتە» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

باش مىنىستىر ياردەمچىسى ۋە ھۆكۈمەت باياناتچىسى نۇمان قۇرتۇلمۇشمۇ تۈنۈگۈن بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ، ئاۋسترىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېباستىئان كۇرزنىڭ جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ قىلغۇسى زىيارىتى توغرىسىدىكى سۆزلىرىدىن ھېس قىلىنغان بىئاراملىقنى تىلغا ئالغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر