چەلىك: ئۇ قوراللار ئۆكتىچىلەرگە بېرىلگەن بولسا، دائېش مەسىلىسى ھەل بولغان بولاتتى

پولشا زىيارىتى جەريانىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن ئۆمەر چەلىك، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ سۈرىيە سىياسىتى ھەققىدە ئالاھىدە توختالدى.

679180
چەلىك: ئۇ قوراللار ئۆكتىچىلەرگە بېرىلگەن بولسا، دائېش مەسىلىسى ھەل بولغان بولاتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىشلىرى مىنىستىرى ۋە باش مۇزاكىرىچى ئۆمەر چەلىك، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى قاتارلىق خەلقئارا جەمئىيەت، PKK تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ سۇرىيە گۇماشتىسى ي پ گ گە بەرگەن ئېغىر تىپلىق قوراللارنى ئۆكتىچىلەرگە بەرگەن بولسا، دائېش مەسىلىسى ھېلىغىچە ھەل قىلىنىپ بولغان بولاتتى، دېدى.

پولشا زىيارىتى جەريانىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن ئۆمەر چەلىك، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى قاتارلىق خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ پ ي د / ي پ گ نى سۈرىيەدىكى بىردىنبىر «قۇرۇقلۇق كۈچى» دەپ قاراپ، ئۇنىڭغا قورال ياردەم قىلىشىنىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتىكى ساقلىنىۋاتقان ئەڭ مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرىنى تەشكىل قىلغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ھالدا، «ي پ گ گە بەرگەن ئېغىر تىپلىق قوراللارنى، بىرونېۋىك ئاپتوموبىللارنى ئۆكتىچىلەرگە بەرگەن بولسا ئىدى، نە دائېش مەسىلىسى قالمىغان، نە تېررورلۇق تەشكىلاتى بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشقا مەجبۇر بولۇپ قالمىغان بولاتتى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

چەلىك، مۇشۇ ھەپتىنىڭ بېشىدا ئەنقەرەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇشى كۈتۈلۈۋاتقان ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتىنىڭ باشلىقى مەسئۇد بارزانىدىن تۈركىيەنىڭ نېمىلەرنى كۈتىدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، بىرىنچىسى، سىنجارنىڭ ئىككىنچى قاندىل بولۇشىغا كۆز يۇمالمايمىز، بۇنىڭغا يول قويمايمىز. دوستلىرىمىزنىڭ بۇ مەسىلىگە سەزگۈر قارىشىنى كۈتمەكتىمىز... ئىككىنچىسى، PKK نىڭ لائىك بىر گۇرۇپپا قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ، ئوتتۇرا شەرقتىكى خىرىستىيان گۇرۇپپىلارنىڭ ھامىيسىدەك ھەرىكەت قىلىش ئارقىلىق غەربتە ھېسداشلىق پەيدا قىلىشقا ئۇرۇنۇشىنىڭ ئالدىنىڭ ئېلىنىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

ئانچە – مۇنچە تۈركىيەنىڭ پ ي د / ي پ گ بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى توغرىسىدا پەرقلىق ئىبارىلەرنىڭ ئىشلىتىلىۋاتقانلىقىنى، مەسىلەن، ئۆتمۈشتە پ ي د رەھبىرى سالىھ مۇسلىمنىڭ ئەنقەرەگە چاقىرىلىپ ئۇچرىشىش ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنىڭ خاتىرىلىتىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن چەلىك، «ئەسلىدە، بىزنىڭ سالىھ مۇسلىم بىلەن كۆرۈشىشىمىز، پ ي د نىڭ مۇئەييەن بىر نۇقتىدا تۇرۇشى توغرىسىدا بىر قاتار سىگناللارنى بېرىشىمىز، سۈرىيەدە ھەرقانداق بىر كورد ھەرىكىتىگە قارشى خاتا تونۇشقا ئاساسەن ھەرىكەت قىلمىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىدۇ. لېكىن، ئۇنىڭدىن كېيىن پ ي د ئۆزىنىڭ سېپىنى تاللاپ، PKK بىلەن تەشكىلىي مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، تۈركىيەگە تەھدىت پەيدا قىلىدىغان قەدەملەرنى تاشلاشقا باشلىسا، ئۇنىڭغا يول قويۇلمايدۇ» دەپ كۆرسەتتى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىشلىرى مىنىستىرى ۋە باش مۇزاكىرىچى ئۆمەر چەلىك، ياۋروپانىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قوش ئۆلچەملىك پوزىتسىيە بىلدۈرۈۋاتقانلىقى ھەققىدە توختىلىپ، تۈركىيە دائېش ھۇجۇمىغا ئۇچرىغاندا، ياۋروپا ئورگانلىرىنىڭ بىنالىرىنىڭ ئۈستىگە تۈركىيە بايرىقىنى ئېسىش ئارقىلىق ئەنقەرە بىلەن ھەمكارلىق ئىچىدە ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىگەنلىكىنى، بىراق، تېخىمۇ قانلىق ۋەقەلەرنى پەيدا قىلغان بولۇشىغا قارىماي، PKK ھۇجۇملىرى يۈز بەرگەندە ئۇ ھەمكارلىقنى ئىزھار قىلمىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

بوزداغ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «ئۇ چاغدا ئىش، ياۋروپانىڭ ئارامىنى بۇزغىنى تېررورلۇق تەشكىلاتىدۇر، ياۋروپانىڭ ئارامىنى بۇزمىغىنى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەمەستۇر، دېگەن ئىزاھاتنى تەقەززا قىلىپ قالىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر