تۈركىيە ئافرىقىدا ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش سىياسىتى يۈرگۈزمەكتە

ئىبراھىم قالىننىڭ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئافرىقا زىيارىتىنى چۆرىدىگەن ھالدا يېزىپ چىققان «تۈركىيە ئافرىقىدا ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش سىياسىتى يۈرگۈزمەكتە» ماۋزۇلۇق ئانالىزىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

666292
تۈركىيە ئافرىقىدا ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش سىياسىتى يۈرگۈزمەكتە

«كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى مۇئاۋىن باش كاتىپى ۋە باياناتچىسى ئىبراھىم قالىننىڭ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئافرىقا زىيارىتىنى چۆرىدىگەن ھالدا يېزىپ چىققان «تۈركىيە ئافرىقىدا ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش سىياسىتى يۈرگۈزمەكتە» ماۋزۇلۇق ئانالىزىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز. قېنى ئۇنداقتا دىققىتىڭلار بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلىرىمىزدا بولسۇن!

* * *

جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى مۇئاۋىن باش كاتىپى ۋە باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئافرىقا زىيارىتى توغرىسىدا بىر پارچە ماقالە يازدى.

ئىبراھىم قالىن، «Daily Sabah» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان «تۈركىيەنىڭ ئافرىقىدىكى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش سىياسىتى» سەرلەۋھىلىك ماقالىسىدە، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ 22- يانۋاردىن 25 – يانۋارغىچە بولغان ئارىلىقتا تۈركىيەنىڭ 2005 – يىلى باشلىغان «ئافرىقىغا ئېچىۋېتىش سىياسىتى» نىڭ بىر پارچىسى سۈپىتىدە شەرقىي ئافرىقا ئەللىرى تانزانىيە، موزامبىك ۋە ماداغاسقارغا قاراتقان زىيارەتلىرىنىڭ تۈركىيەنىڭ ئافرىقا قىتئەسىنىڭ ھەممىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىش ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى نىشان قىلىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئەردوغاننىڭ يېقىنقى ئون يىل ئىچىدە باش مىنىستىر ۋە جۇمھۇر رەئىسى سۈپىتىدە 23 ئافرىقا دۆلىتىدە 30 قېتىمدىن ئارتۇق زىيارەتتە بولۇپ، ئافرىقىلىق بولمىغان رەھبەرلەر ئىچىدە رېكورت ياراتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن قالىن، ماقالىسىدە مۇنۇلارنى قەيت قىلدى: «بۇ ئۇچرىشىشلار، ئافرىقا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىمىزنى گۈللەندۈرۈش يولىدىكى ئىستراتېگىيەلىك قارىشىمىزنىڭ ئەكس ئىتىشىدۇر. بۇ دائىرىدە، 2004 – يىلى ئافرىقا قىتئەسىدە پەقەت 12 ئەلچىخانىمىز بار ئىدى، بۇ سان 2016 – يىلىغا كەلگەندە 39 غا يەتتى. پەقەت 2012 – 2014 – يىللىرىدىلا تۈركىيەنىڭ ئافرىقىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئوخشاش بولمىغان ياردەم ئورگانلىرىغا قوشقان تۆھپىسى 800 مىليون دوللارغا يېقىن بولدى. ئافرىقىدا 16 ۋاكالەتخانىسى بار بولغان تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە كوردىناتسىيە ئاگېنتلىقى، قۇدۇق كولاش ۋە سەھىيە مەركەزلىرىنى سېلىشتىن تارتىپ دېھقانلارنىڭ تەربىيەلىنىشى ۋە تارىخىي مىراسلارنى قايتىدىن جانلاندۇرۇشقىچە بولغان يۈزلەرچە قۇرۇلۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا. بۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئونلارچە تۈرك جەمئىيىتى ۋە خەير- ساخاۋەت ئورگىنى موھتاجلارغا ھەمنەپەس بولماقتا.»

تۈركىيەنىڭ بۇ پوزىتسىيەسىنىڭ ئافرىقا دۆلەتلىرى ئارىسىدىمۇ قارشى ئېلىشقا ئېرىشكەنلىكىنى بىلدۈرگەن قالىن، 2008 – يىلى ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقى تەرىپىدىن «ئىستراتېگىيەلىك شېرىك» دەپ ئېلان قىلىنغان تۈركىيەنىڭ، شۇ يىلى ئىچىدە تۇنجى تۈركىيە – ئافرىقا ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنىغا ساھىبخانلىق قىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى. يىغىننىڭ ئىككىنچى قېتىملىقىنىڭ 2014 – يىلى ئېكۋاتور گىنەسىنىڭ پايتەختى مالابودا چاقىرىلغانلىقىنى ئەسلىتىپ ئۆتكەن قالىن، ئۈچىنچى قېتىملىق ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنىنىڭ 2019 – يىلىغىچە تۈركىيەدە چاقىرىلىشىنىڭ پىلانلىنىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

بۇنىڭدىن ئون يىل ئىلگىرى تۈركىيەنىڭ ئافرىقا ئەللىرى بىلەن بولغان ئومۇمىي سودا ھەجمىنىڭ 3 مىليارد دوللاردىن تۆۋەن ئىكەنلىكىگە، نۆۋەتتە سودا ھەجمىنىڭ 25 مىليارد دوللاردىن ئېشىپ كەتكەنلىكىگە ئىشارەت قىلغان قالىن، «تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى بولسا، 30 دىن ئارتۇق ئافرىقا دۆلىتىدىكى 40 قا يېقىن جايغا قاتناپ، پۈتكۈل خەلقئارا ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىنى ئارقىدا قالدۇردى. بۇنىڭدىن سىرت، 30 دىن ئارتۇق ئافرىقا دۆلىتىنىڭ تۈركىيەدە دىپلوماتىك ۋاكالەتخانىسى بار، ھەر يىلى 5 مىڭدىن ئارتۇق ئافرىقىلىق ئوقۇغۇچى ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بىلەن تۈركىيەگە كېلىپ ئوقۇماقتا. بۇ سانلىق مەلۇماتلار، تۈركىيە – ئافرىقا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ كۈچىيىش ۋە چوڭقۇرلىشىش باسقۇچىدا ئىكەنلىكىنى نامايان قىلىپ بېرىدۇ.»

مول تەبىئىي بايلىق زاپىسىغا، ياش ۋە دىنامىك نوپۇسقا شۇنداقلا غايەت زور تەرەققىيات ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولۇشىغا قارىماي، ئافرىقىدىكى ئاجايىپ خەزىنىلەرنىڭ ئوتتۇرىسىدا ۋەيران قىلغۇچ يوقسۇللۇقنىڭ ھۆكۈم سۈرۈۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغان قالىن، سىياسىي مۇقىملىق يارىتىش، تېررورىزمغا قارشى كۈرەش، نامراتلىقنى ئازايتىش ۋە داۋاملاشتۇرۇشقا بولىدىغان تەرەققىيات پىلانى قاتارلىقلارنىڭ كۆپلىگەن ئافرىقا ئەللىرىنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ئىشلىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. قالىن ماقالىسىدە تۆۋەندىكى ئىبارىلەرگە ئورۇن ئاجراتتى: «ياۋروپا مۇستەملىكىسىنىڭ نومۇس قىلارلىق تارىخى نەزەرگە ئېلىنغىنىدا، ئافرىقا قىتئەسىدىكى سىياسىي كۈچلەرنىڭ ۋاكالىتەن ئۇرۇشلار، زامانىۋى قۇللۇق ۋە ئىقتىسادىي سۈمۈرۈشكە قارشى كۈرەش قىلىش ئىرادىسىنىڭ قەتئىي بولۇشىنىڭ زۆرۈرىيىتى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. نۆۋەتتە ئوخشاش بولمىغان دۆلەت ۋە خەلقئارالىق شىركەتلەر ئافرىقىنىڭ بايلىقىنى سۈمۈرۈشكە ئۇرۇنۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا، سىياسىي داۋالغۇشلار ۋە ساقلىنىۋاتقان ئىقتىسادىي مەسىلىلەر پۈتكۈل قىتئەگە زىيان يەتكۈزمەكتە.»

تۈركىيەنىڭ ئافرىقىدا «ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش» سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن قالىن، دۆلەتنىڭ يېڭى بېقىندىلىق، ۋارىسلىق ۋە سۈمۈرۈش مۇناسىۋەتلىرىنى ئورنىتىشنىڭ ئورنىغا سىياسىي جەھەتتە تەڭ – باراۋەرلىك ۋە ئۆزئارا ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى نىشان قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. تۈركىيەنىڭ «ئافرىقىنىڭ ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلىرىگە ئافرىقىچە چارە» تېپىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىغا ئىشارەت قىلغان باياناتچى قالىن، «2011- يىلىدىن بۇيان سومالى ھۆكۈمىتىنىڭ ئاچارچىلىق، قۇرغاقچىلىق، يوقسۇللۇق ۋە تېررورىزمغا قارشى كۈرىشىگە قوشقان تۆھپىمىز دەل بۇدۇر. دۆلەت ۋە خۇسۇسىي ئىگىلىكىدىكى ساھەلەرنىڭ قولى ئارقىلىق بۇ دۆلەتكە بىر مىليارد دوللاردىن ئارتۇق ياردەم قىلىندى ۋە مەبلەغ سېلىندى. سومالى، گەرچە خەۋپسىزلىك ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىيات ساھەلىرىدە بېسىپ ئۆتۈشى كېرەك بولغان باسقۇچلار بولسىمۇ، نۆۋەتتە بۇنىڭدىن ئالتە يىل ئىلگىرىكى چاغلارغا سېلىشتۇرغاندا، خېلىلا ياخشى ئەھۋالدا ئىكەنلىكىنى ئەركىن – ئازادە ئوتتۇرىغا قويالايمىز» دېگەن ئىبارىلەرنى ئىشلەتتى.

ئافرىقا ئەللىرىنىڭمۇ تۈركىيەنىڭ «ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش» سىياسىتىگە ئىجابىي پوزىتسىيەدە بولۇۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغان قالىن، يېقىنقى يىللاردا يۇقىرى دەرىجىلىكلەر زىيارەتلىرى سانىدا كۆرۈنەرلىك ئېشىش بولغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ، تۈرك شىركەتلىرىنىڭ تانزانىيەدە 2 مىڭ كىلومېتىرلىق تۆمۈر يولى بەرپا قىلىش، موزامبىكتە ئىجتىمائىي ئولتۇراق رايونى سېلىش ۋە ماداغاسقاردا ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇش دېگەندەك چوڭ لاھىيەلەرنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى شۇنداقلا بۇ شىركەتلەرنىڭ ئافرىقا ئەللىرىدە مىڭلارچە ئافرىقىلىققا ئىشلەش پۇرسىتى يارىتىپ بەرگەنلىكىنى ۋە ئېلېكتىرونلۇق ئەشيالاردىن تارتىپ توقۇمىچىلىققىچە بولغان كۆپلىگەن ساھەلەردە ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ، تۈركىيە – ئافرىقا مۇناسىۋەتلىرىدە باشلىغان بۇ يېڭى دەۋرنىڭ ئىشىكىنى بىۋاسىتە ئۆزى ئىزدىگەنلىكىنى تەكىتلىگەن قالىن، «بۇ دائىرىدە جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان پەقەت كۆپ ساندىكى ئافرىقا دۆلىتىنى زىيارەت قىلىپ، ئافرىقا رەھبەرلىرىنى دۆلىتىمىزدە كۈتۈۋېلىش بىلەنلا قالمىدى، ئۇ شۇنداقلا خۇسۇسىي ئىگىلىكىدىكى شىركەتلەر، ئۇنىۋېرسىتېتلار، ئىجتىمائىي كۈچلەر باشقۇرۇشىدىكى ئورگانلار، ساياھەت شىركەتلىرى ۋە خەلقىمىزنى مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەر بىلەن ھەر ئىككى تەرەپنى كۈچەيتىدىغان مۇناسىۋەتلەرنى ئورنىتىشقا رىغبەتلەندۈردى. دۆلىتىمىز بىلەن ئافرىقا ئەللىرى ئارىسىدا ئۆزئارا ئىشەنچنى كۈچەيتىدىغان قەدەملەرنى تاشلىغان جۇمھۇر رەئىسىمىز، پۈتكۈل مەسىلىلەرنىڭ ئوچۇق – ئاشكارا ۋە دۇرۇس ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلماقتا» دېگەنلەرنى ئەسكەرتتى.

تۈركىيەنىڭ، ئافرىقا ئەللىرىدىن فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى مەنسۇپلىرى ۋە تەشكىلات بىلەن مۇناسىۋىتى بار ئورگانلارنىڭ زىيانلىق پائالىيەتلىرىنىڭ مەنئىي قىلىنىشىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى خاتىرىلىتىپ ئۆتكەن قالىن، ئۆتكەن يىگىرمە يىلدا تۈركىيەنىڭ ئەۋزەللىك ۋە ئىمكانىيەتلىرىدىن پايدىلىنىپ ئونلارچە ئافرىقا دۆلىتىگە ئورۇنلىشىۋالغان تەشكىلات ئەزالىرىنىڭ ئەپتى – بەشىرىسىنىڭ 15 – ئىيۇل ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتى جەريانىدا پاش بولغانلىقىنى ۋە كۆپلىگەن ئافرىقا دۆلىتىنىڭمۇ بۇ بالايى – ئاپەتكە قارشى تېگىشلىك قەدەملەرنى تاشلاشقا باشلىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. ئافرىقىلىقلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن بۇ گۇرۇپپىنىڭ يالغۇز تۈركىيە ئۈچۈنلا ئەمەس، ئۆزلىرى ئۈچۈنمۇ دۆلەت خەۋپسىزلىك تەھدىتى ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ يەتكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن قالىن، ئافرىقا ئەللىرىنىڭ فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ سىياسىي ھاكىمىيەتنى قولغا چۈشۈرۈش ئۈچۈن ھەر قانداق ئىشنى قىلىدىغانلىقىنى ۋە بۇ كۈچنى ئۆزلىرىگە ئىشىكلىرى ۋە دىللىرىنى ئاچقان دۆلەتلەرگە قارشى ئىشقا سېلىش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقىنى تونۇپ يەتكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئىبراھىم قالىن ماقالىسدە يەنە: «تۈركىيەنىڭ ئافرىقىغا قاراتقان «ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش» سىياسىتى، تەڭ – باراۋەر بولۇش، ئوچۇق – ئاشكارا بولۇش ۋە دائىمىي بولۇش پىرىنسىپى ئاساسىدا ھەر ئىككى تەرەپنىڭ كۈچىيىشىنى نىشان قىلىدۇ. ئافرىقىنىڭ ئىمكانىيەتلىرىدىن پايدىلىنالىشى، زامانىۋى قۇللۇقنىڭ، مۇستەملىكىچىلىكنىڭ ۋە بېقىندىلىقنىڭ يېڭى شەكىللىرىنىڭ يوقىتىلىشى ۋە ئافرىقىلىقلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ تەبىئىتى ۋە ئەنئەنىلىرىگە ئاساسەن ئۆزلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىلىشىگە باغلىقتۇر. تۈركىيەنىڭ «ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش» سىياسىتىگە، ئافرىقىنىڭ بۇ كۈرىشىگە قوشۇلغان ئادەتتىكىچە ئەمما مۇھىم بىر تۆھپە، دەپ قارىلىشى لازىم» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بەردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر