تۈركىيە ئارمىيەسى، ئەللىكتىن ئارتۇق تېررورچىنىڭ ئۇجۇقتۇرۇلغانلىقىنى ئۇقتۇردى

سۈرىيەنىڭ شىمالىنى تېررورچىلاردىن خالىيلاشتۇرۇش مەقسىتىدە 24 – ئاۋغۇستتا تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە باشلىغان فىرات قالقىنى ھەرىكىتى غەلىبىلىك داۋام قىلماقتا.

663748
تۈركىيە ئارمىيەسى، ئەللىكتىن ئارتۇق تېررورچىنىڭ ئۇجۇقتۇرۇلغانلىقىنى ئۇقتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەنىڭ شىمالىنى تېررورچىلاردىن خالىيلاشتۇرۇش مەقسىتىدە 24 – ئاۋغۇستتا تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە باشلىغان فىرات قالقىنى ھەرىكىتىنىڭ 163 – كۈنىدە دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ئەزا 51 تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى باش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ بۇ ھەقتىكى ۋاقىپلاندۇرۇش ئۇچۇرىغا قارىغاندا، دائېش قاتارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى پەيدا قىلغان خەۋپنى بىر تەرەپ قىلىش، چېگرا بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىش ۋە بىرلەشمە كۈچلەرگە ھەمدەم بولۇش مەقسىتىدە 2016 – يىلى 24 – ئاۋغۇستتا باشلىغان فىرات قالقىنى ھەرىكىتىنىڭ 163 – كۈنىدە، دائېشنىڭ ئۆكتىچى كۈچلەردىن تەشكىل تاپقان ئالاھىدە ھەرىكەت قىسىملىرى تەرىپىدىن ئېنىقلاپ چىقىلغان 244 نۇقتىسىغا زەربە بېرىلدى.

تۈركىيە ھاۋا ئارمىيەسى ئايروپىلانلىرى بولسا، ئەلباب، تەدىف، قەبباسىن ۋە بزاگاھ رايونلرىدىكى دائېشقا تەۋە 83 بىنا، 10 ئاپتوموبىل بومبا، 2 قورال ئىسكىلاتى، 2 يىغىلىش نۇقتىسى، بىر ئامبار ۋە 2 دانە زەمبىرەكنى يوقىتىپ تاشلىدى.

دائېشتىن خالىيلاشتۇرۇلغان جايلاردا ئۆكتىچىلەرگە ھەمنەپەس بولۇۋاتقان <پارتلاتقۇچ ماددىلارنى بايقاپ چۇۋۇپ تاشلىغۇچىلار ئەترىتى>، يەرلىك ئۇسۇلدا ياسالغان 41 پارتلاتقۇچنى بىر تەرەپ قىلدى. ھەرىكەت باشلىغاندىن بۇيان كۆپىنچىسى قۇرۇپ قويۇلغان 3591 يەرلىك ئۇسۇلدا ياسالغان پارتلاتقۇچ بىلەن 55 مىنا پىلانلىق ھالدا چۇۋۇپ تاشلاندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر