تۈركىيە، گىرېتسىيەنىڭ قارارىدىن كېيىن ئارقا - ئارقىدىن قەدەم تاشلىدى

ئەدلىيە مىنىستىرلىقى، گىرېتسىيە دائىرىلىرىنىڭ فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ 15 – ئىيۇلدىكى ھەربىي ئىسيان قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىدىن كېيىن گىرېتسىيەگە قاچقان ئىسيانچى ئەسكەرلەر توغرىسىدىكى قارارىدىن كېيىن قەدەم تاشلاشقا باشلىدى.

660464
تۈركىيە، گىرېتسىيەنىڭ قارارىدىن كېيىن ئارقا - ئارقىدىن قەدەم تاشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەدلىيە مىنىستىرلىقى، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى / پاراللېل دۆلەت قۇرۇلمىسىنىڭ 15 – ئىيۇلدىكى ھەربىي ئىسيان قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىدىن كېيىن گىرېتسىيەگە قاچقان ئىسيانچى ئەسكەرلەرنىڭ قايتۇرۇلۇشىغا ئالاقىدار ئىككىنچى قېتىملىق تەلەپ قىلىش ماتېرىياللىرىنى گىرېتسىيەگە يوللىدى.

ئەدلىيە مىنىستىرلىقى يەنە، قاچقۇن 8 ئىسيانچى ئەسكەر ئۈستىدىن قىزىل باشلىق تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلىشى ئۈچۈن خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتىغا مەكتۇپ يوللىدى.

ئىستانبۇل 12 – سۈلھى جازا مەھكىمىسى تەرىپىدىنمۇ 8 ئىسيانچى ئەسكەر ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلدى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇمۇ، ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىدىن كېيىن گىرېتسىيەگە قاچقان ئىسيانچىلارنىڭ قايتۇرۇلماسلىقىغا نارازىلىق بىلدۈردى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «گىرېتسىيە بىلەن ئارىمىزدىكى ئىككى تەرەپ قايتۇرۇپ قوبۇل قىلىش كېلىشىمىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش قاتارلىق كېرەكلىك قەدەملەرنى تاشلايمىز» دېدى.

تۈركىيە گىرېتسىيەدىن ئىسيانچى ئەسكەرلەرنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغانىدى. گىرېتسىيەدىكى بىر مەھەللىي سوت مەھكىمىسى قاچقۇن ئىسيانچى ئەسكەرلەرنىڭ دېلوسىغا قاراپ چىقىپ، ئۈچ ئەسكەرنىڭ تۈركىيەگە قايتۇرۇلۇشىنى قوبۇل قىلغان، بەش ئەسكەرنىڭ قايتۇرۇلۇشىنى رەت قىلغانىدى.

گىرېتسىيە ئالىي سوت مەھكىمىلىرى باش مۇپەتتىشى ئانتونىس لىئوگاس، ئىسيانچى ئەسكەرلەرنىڭ قايتۇرۇلۇشى رەت قىلىنغان ھۆكۈمنامىگە ئېتىراز بىلدۈرۈپ، ئالىي سوتقا ئەرز سۇنغانىدى. سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن تۈركىيەگە قايتۇرۇلۇشى توغرىسىدا ھۆكۈم چىقىرىلغان ئۈچ ئىسيانچى ئەسكەرمۇ يۇقىرى سوتقا ئېتىراز بىلدۈرگەنىدى.

گىرېتسىيە ئالىي سوت مەھكىمىسى بولسا، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى / پاراللېل دۆلەت قۇرۇلمىسىنىڭ 15 – ئىيۇلدىكى ھەربىي ئىسيان قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىدىن كېيىن گىرېتسىيەگە قاچقان 8 ئىسيانچى ئەسكەرنىڭ تۈركىيەگە قايتۇرۇلماسلىقى توغرىسىدا ھۆكۈم چىقارغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر