قولغا ئېلىنغان تېررورچى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات ئېلان قىلىندى

باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم ۋە ئىستانبۇل ۋالىيسى ۋاسىپ شاھىن رېينا قاتىلى توغرىسىدا ئاخباراتچىلارغا مۇھىم مەلۇماتلارنى بەردى.

653108
قولغا ئېلىنغان تېررورچى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات ئېلان قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يېڭى يىل كېچىسى ئىستانبۇلدا بىر كېچىلىك كۇلۇبقا ھۇجۇم قىلىپ، 39 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىشىغا سەۋەب بولغان ئابدۇلقادىر ماشارىپوۋ، ئەسەنيۇرتتا تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئۇۋىسىغا ئېلىپ بېرىلغان بېسىپ كېرىپ، تەكشۈرۈش ھەرىكىتىدە قولغا ئېلىندى.

ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى رەئىسى قوشۇمچە تۈركىيە باش مىنىستىرى بىنالى يىلدىرىم پارتىيەسىنىڭ ئىجرائىيە كېڭىشى يىغىنىدىن ئىلگىرى ئاخباراتچىلارغا بەرگەن باياناتىدا، تېررورچىنىڭ قولغا ئېلىنىشى ئۈستىدە توختىلىپ، سوراق قىلىش خىزمەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ۋە نۇرغۇنلىغان تەپسىلاتلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى ئېيتتى.

بىنالى يىلدىرىم: « مۇھىم بولغىنى بۇ پەسكەش ھۇجۇمنى قىلغۇچىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىدۇر. بۇنىڭ ئارقىسىدىكى كۈچلەرنىڭ كىملىكىمۇ، مەيلى كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. بۇ  بىزگە نىسبەتەن مۇھىم ئىلگىرىلەش بولدى» دېدى.

ئىستانبۇل ۋالىيسى ۋاسىپ شاھىنمۇ ساقچى ئىدارىسى باشلىقى مۇستافا چالىشكان بىلەن بىرلىكتە چاقىرغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، كېچىلىك كۇلۇبقا قىلىنغان ھۇجۇمدا 39 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىشىغا سەۋەب بولغان ئابدۇلقادىر ماشارىپوۋنىڭ جىنايىتىنى ئېتىراپ قىلغانلىقىنى، تەكشۈرۈشلەردە بارماق ئىزىنىڭ ئوخشاش چىققانلىقىنى ئېيتتى.

ئىستانبۇل ۋالىيسى ۋاسىپ شاھىن ساقچىلارنىڭ ئىنتايىن جىددىي خىزمەت قىلىش ئارقىلىق ئىپلاس ھۇجۇمنىڭ جىنايەتچىسىنى ئەسەنيۇرتتا قولغا ئالغانلىقىنى، قاتىلنىڭ 1983–يىلى ئۆزبېكىستاندا تۇغۇلغانلىقى، ئافغانىستاندا تەربىيەلەنگەنلىكى ۋە 4 تىل بىلىدىغان، يېتىشكەن بىر تېررورچى ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

تېررورچىلار بىلەن بىرلىكتە ئىراقلىق بىر ئەر ۋە ئوخشاش بولمىغان دۆلەتلەردىن 3 ئايالنىڭمۇ قولغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋاسىپ شاھىن، ئۇلارنىڭمۇ تېرررولۇق تەشكىلاتى بىلەن چېتىشلىقى بار بولۇش ئېھتىمالى ئىنتايىن يۇقىرى ئىكەنلىكىنى، چۈنكى بىر ئۆيدىن تۇتۇلغانلىقىنى ئېيتتى.

 ئىستانبۇل ۋالىيسى ۋاسىپ شاھىن تېررورچىنىڭ يېنىدا 197 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى، 2 تاپانچا ۋە ئوقدان ھەمدە نۇرغۇنلىغان ماتېرىياللارنىڭمۇ قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى. ھۇجۇمنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش تەرىپىدىن قىلىنغانلىقىنىڭ ئېنىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ۋاسىپ شاھىن قاتىلنىڭ تۈركىيەگە 2016 – يىلى دېكابىردا كەلگەنلىكىنىڭ تەخمىن قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، قاتىلنى ئىزدەپ-تۇتۇش ئۈچۈن ساقچىلارنىڭ ئىنتايىن دىققەت بىلەت ھەرىكەت قىلغانلىقىنى، بۇ جەرياندا جەمئىي 152 ئادرېستا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغانلىقىنى ۋە 50 كىشىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئېيتتى.

ئىستانبۇل ۋالىيسى ۋاسىپ شاھىن ساقچى ئىدارسى خادىملىرىغا رەخمەت ئېيتتى ۋە ئىستانبۇلدا بۇنداق ۋەقەلەرنىڭ قايتا يۈز بەرمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر