فىكرى ئىشىق: بىرلەشمە كۈچلەرنىڭ پوزىتسىيەسى ئىنجىرلىكتىكى ئورنى ھەققىدە دەتالاش پەيدا قىلدى

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى فىكرى ئىشىق، بىرلەشمە كۈچلەرنىڭ سۈرىيەنىڭ ئەلباب رايونىدا داۋاملىشىۋاتقان ھەربىي ھەرىكەتكە تۇتۇۋاتقان پوزىتسىيەسىنى ئەيىبلىدى.

644310
فىكرى ئىشىق: بىرلەشمە كۈچلەرنىڭ پوزىتسىيەسى ئىنجىرلىكتىكى ئورنى ھەققىدە دەتالاش پەيدا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى فىكرى ئىشىق، بىرلەشمە كۈچلەرنىڭ ئايروپىلانلىرىنىڭ سۈرىيەنىڭ ئەلباب رايونىدا داۋاملىشىۋاتقان ھەربىي ھەرىكەتكە ياردەم قىلماسلىقىنىڭ ئىنجىرلىك بازىسىدىكى مەۋجۇتلۇقلىرىنى بەس – مۇنازىرىگە ئوچۇق ھالەتكە كەلتۈرگەنلىكىنى ئېيتتى.

فىكرى ئىشىق، تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىدە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە كۈچلەرنىڭ ئەلباب ھەربىي ھەرىكىتىگە ھاۋادىن ياردەم قىلماسلىقىغا ئالاقىدار قاراشلىرىنى مۇخبىرلار بىلەن ئورتاقلاشتى. ئۇ، ئىنجىرلىك بازىسىدىكى بىرلەشمە كۈچلەرگە تەۋە ئايروپىلانلارنىڭ ھاۋا ھەرىكىتىگە ياردەم قىلماسلىقىنىڭ ئۇ يەردىكى مەۋجۇتلۇقلىرى ھەققىدە بەس – مۇنازىرە پەيدا قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

فىكرى ئىشىق سۆزلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى قاتارلىق پۈتكۈل بىرلەشمە كۈچلەرنىڭ تۈركىيەنىڭ فىرات قالقىنى ھەرىكىتىگە كېرەكلىك بولغان ھاۋا ياردىمى ۋە باشقا ياردەملەرنى قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. بۇ جەھەتتىكى كېرەكلىك قەدەملەر تېخىمۇ بەك كېچىكمەستىن ئېتىلغۇسى. بولۇپمۇ بىز ناتودا ئۇزۇن يىللار بىرلىكتە ھەرىكەت قىلغان دۆلەتلەرنىڭ ئەلبابتا ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسىنىڭ تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ قوللاپ – قۇۋۋەتلىشى سايىسىدا باشلىغان ھەرىكەتكە ياردەم قىلماسلىقى توغرىسىنى ئېيتقاندا ئادەمنى ئويلاندۇرىدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر