ئىستانبۇلدا خەۋپسىزلىك يىغىنى چاقىرىلدى

ئىستانبۇل ئورتاكۆيدىكى بىر كېچىلىك كۇلۇبتا مەيدانغا كېلىپ 39 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغان تېررورلۇق ھۇجۇمىدىن كېيىن باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم رىياسەتچىلىكىدە خەۋپسىزلىك يىغىنى چاقىرىلدى.

641878
ئىستانبۇلدا خەۋپسىزلىك يىغىنى چاقىرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىستانبۇل باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسى خىزمەت بىناسىدىكى يېپىق يىغىن 1 سائەت 40 مىنۇت داۋام قىلدى.

يىغىنغا باش مىنىستىر ياردەمچىسى نۇمان قۇرتۇلمۇش، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۈلەيمان سويلو، سەھىيە مىنىستىرى رەجەپ ئاقداغ، ئىستانبۇل ۋالىيسى ۋاسىپ شاھىن ۋە ئىستانبۇل ساقچى باشلىقى مۇستاپا چالىشقان قاتارلىقلار ئىشتىراك قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر