ئەردوغان كارلوۋغا قىلىنغان سۈيىقەستنى ئەيىبلىدى

دۆلىتىمىز جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان رۇسىيە باش ئەلچىسى ئاندرېي كارلوۋ ھاياتىدىن ئايرىلغان سۈيىقەستنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

633852
ئەردوغان كارلوۋغا قىلىنغان سۈيىقەستنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان رۇسىيە ئەلچىسى كارلوۋ ھاياتىدىن ئايرىلغان سۈيىقەستنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «بۇ ۋەقە تۈركىيە-رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىنى بۇزۇش ئۈچۈن قىلىنغان ئىغۋاگەرچىلىكتۇر» دېدى.

رەجەپ تاييىپ ئەردوغان كارلوۋ ھاياتىدىن ئايرىلغان سۈيىقەست قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىن بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى ۋە پۇتىننىڭ ئۆزىگە كارلوۋنىڭ جەسىتىنى ئۆز ئىمكانىيەتلىرى بىلەن ئېلىپ كېتىش تەلىپىنى يەتكۈزگەنلىكىنى ئەسكەرتتى. ئۇ سۈيىقەستنىڭ تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇنىڭ سەيشەنبە (20-دېكابىر) كۈنى رۇسىيەدە سۈرىيە مەسىلىسى، بولۇپمۇ ھەلەب مەسىلىسى بويىچە قىلىدىغان زىيارىتىدىن بۇرۇن يۈز بەرگەنلىكى ئۈستىدە ئالاھىدە توختالدى ۋە جىنايەتنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن ئىككى تەرەپكە ئورتاق بولغان كومىتېت قۇرۇلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ تۈركىيە ئۈچۈن ئېيتقاندا، رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنىڭ ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ بۇزۇلۇشىنى ئۈمىد قىلغانلارنىڭ، بىكارغا خام خىيال قىلىۋاتقانلىقىنى؛ ئۇلارنىڭ مەقسىتىگە يېتەلمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ ئاخىرىدا، تۈرك خەلقى ۋە رۇس خەلقىگە سەۋر تىلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر