تۈركىيە – ئامېرىكا دوستلۇق گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى 159 غا يەتتى

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى تۈركىيە – ئامېرىكا دوستلۇق گۇرۇپپىسى ئەزالىرىنىڭ سانى 159 غا يەتتى.

630763
تۈركىيە – ئامېرىكا دوستلۇق گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى 159 غا يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مەجلىسىنىڭ 114 – گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى دونالد ترامپ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىشقا ئاز قالغاندا ناھايتى كۆپەيدى.

شۇنىڭ بىلەن، تۈركىيە – ئامېرىكا دوستلۇق گۇرۇپپىسىمۇ لوبىچىلىق پائالىيەتلىرىدە رولى ناھايتى زور بولغان گۇرۇپپىلاردىن بىرىگە ئايلاندى.

دۆلەت مەجلىسىنىڭ 155 ئەزاسى بىلەن 4 پالاتا ئەزاسى دوستلۇق گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى.

 ئەزالار ئارىسىدا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان پالاتا ئەزالىرىدىن لىنسېي گرېھېممۇ بار.

تۈركىيە – ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇق ۋە مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىشنى نىشان قىلىدىغان گۇرۇپپىدىكى دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى سايلانغان رايونلاردا كۆپ مىقداردا تۈرك سايلىغۇچىلار ياشايدۇ.

تۈركىيە – ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ كۆپلىگەن مەسىلىلەردە سەزگۈر نۇقتا ئىكەنلىكى نەزەرگە ئېلىنغىنىدا، دوستلۇق گۇرۇپپىسىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە مۇھىملىقىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر