ئىستانبۇلدىكى خائىنلارچە تېررورلۇق ھۇجۇمىدا 29 كىشى شېھىت بولدى

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۈلەيمان سويلو، ئىستانبۇلدا يۈز بەرگەن قانلىق تېررورلۇق ھۇجۇمى توغرىسىدا بايانات بەردى.

627881
ئىستانبۇلدىكى خائىنلارچە تېررورلۇق ھۇجۇمىدا 29 كىشى شېھىت بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىستانبۇلدا جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش ساقچى قىسىملىرىنى نىشانغا ئالغان 2 ئايرىم خائىن تېررورلۇق ھۇجۇمىدا ئىككىسى پۇقرا، 27 سى ساقچى بولۇپ جەمئىي 29 كىشى شېھىت بولدى، 166 ئادەم يارىلاندى.

باش مىنىستىر ياردەمچىسى نۇمان قۇرتۇلمۇش ، ئىستانبۇلدا تۈنۈگۈن ئاخشام بىر پۇتبول مۇسابىقىسىدىن كېيىن جەمئىيەت ئامانلىقىنى قوغداش قىسىملىرىنى نىشانغا ئالغان ھۇجۇملاردىن بىرىنىڭ ئاپتوموبىل بومبا بىلەن، ئىككىنچىسىنىڭ ئارىدىن 45 سېكۇنت ئۆتكەندىن كېيىن بىر ئادەم بومبا ھۇجۇمچىسى تەرىپىدىن سادىر قىلىنغانلىقىنى قەيت قىلغان ھالدا، «ناھايىتى ئېغىر مۇسىبەتكە دۇچ كەلدۇق، لېكىن مىللىي بىرلىكىمىزنى، تېررورلۇققا قارشى مىللىي مەيدانىمىزنى مۇھاپىزەت قىلىشقا مەجبۇرمىز» دېدى.

قۇرتۇلمۇش، قولغا چۈشۈرۈلگەن دەسلەپكى يىپ ئۇچلىرىنىڭ ھۇجۇمنى PKK تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ سادىر قىلغانلىقىغا ئىشارەت قىلىۋاتقانلىقىنى، تەكشۈرۈش نەتىجىسى جەزملەشكەن تەقدىردە، جامائەتچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىلىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

خەلقئارا جەمئىيەتنى سۆز ئويناتماستىن تۈركىيە بىلەن بىر سەپتە تۇرۇشقا تەكلىپ قىلغان قۇرتۇلمۇش، تۈركىيەنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ھەممىسىنى تىز پۈكتۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ۋەقەدىن كېيىن سەھىيە مىنىستىرى رەجەپ ئاقداغ، ئائىلە ۋە ئىجتىمائىي سىياسەتلەر مىنىستىرى فاتما بەتۈل سايان قايا قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە ئەنقەرەدىن ئىستانبۇلغا بارغان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۈلەيمان سويلو بولسا، تۈركىيەنىڭ خائىن ۋە پەسكەشلەرچە پىلان بىلەن ئىشقا ئاشۇرۇلغان بىر ھۇجۇمغا دۇچ كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ھالدا، ئىستانبۇلدىكى ھۇجۇمنىڭ تېررورىزمغا قارشى قىلىنىۋاتقان كۈچلۈك كۈرەشنى مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىتىشنى نىشان قىلغانلىقىنى، ھازىرغىچە ھۇجۇمغا ئالاقىدار 10 ئادەمنىڭ نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

خائىن ھۇجۇم توغرىسىدا ئىستانبۇل باش تەپتىش مەھكىمىسى كەڭ دائىرىلىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر