تۈركىيە ئارمىيەسى 19 تېررورچىنى ئۇجۇقتۇردى
تۈركىيە ھاۋا ئارمىيەسىگە تەۋە ئايروپىلانلار ئىراقنىڭ گارا رايونىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا قاقشاتقۇچ زەربە بەردى.
627504
![تۈركىيە ئارمىيەسى 19 تېررورچىنى ئۇجۇقتۇردى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/7c51/fe68/5b41/57f9ed0e48bca.jpg?time=1718967154)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراقنىڭ شىمالىدىكى گارا رايونىدا ئېلىپ بېرىلغان ھاۋا ھۇجۇمىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ 19 ئەزاسى ئۇجۇقتۇرۇلدى.
ئارمىيە قوماندانلىق ئىشتابىدىن ئىگىلەنگەن مەلۇماتلارغا كۆرە، گارا رايونىدا تۈركىيە ھاۋا ئارمىيەسىگە تەۋە ئايروپىلانلار جىددىي ھەرىكەت ئېلىپ باردى.
ھەرىكەتتە چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرىغا ھۇجۇم قىلىش ئالدىدا تۇرغان تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ 19 ئەزاسى ئۇجۇقتۇرۇلدى.
تىررورچىلارغا تەۋە 2 مۈكىنىدىغان جاي، 3 ئىسكىلات ۋە 1 تىرانسپۇر بازىسى بىت – چىت قىلىپ تاشلاندى.
ئايروپىلانلار ۋەزىپىسىنى تاماملاپ، ساق – سالامەت مەملىكەتكە قايتىپ كەلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![تۈركىيە تېررورچىلارغا زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/828b/04e9/7c0a/666c1fc0b666e.jpg?time=1718967154)
تۈركىيە تېررورچىلارغا زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا
تۈركىيە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قەتئىي ئىرادە بىلەن ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرماقتا.