ئەردوغان تۈركىيە لىراسىغا ئىگە چىققان تۈرك خەلقىگە تەشەككۈر ئېيتتى

دۆلىتىمىز جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان جۇمھۇر رەئىسلىك كۈللىيەسىدە ئېچىلغان 31-نۆۋەتلىك مەھەللە كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنىدا سۆز قىلدى.

626006
ئەردوغان تۈركىيە لىراسىغا ئىگە چىققان تۈرك خەلقىگە تەشەككۈر ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 31-نۆۋەتلىك مەھەللە كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنىدا، تۈركىيەگە قارشى قۇرۇلغان تۇزاقلار ئۈستىدە ئالاھىدە توختىلىپ، بەزى گۇرۇپپىلارنىڭ فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ۋە پ ك ك دىن پايدىلىنىپ، پەسكەشلەرچە ھالدا تۈركىيەنى قورشاۋغا ئېلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ بۇلارغا قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، مۇنداق دېدى:

«ئاخىرقى ھۇجۇم ئىقتىسادىمىزغا قىلىندى. ئۇلار ئېكسپورت ۋە ساياھەتچىلىك ئارقىلىق قىلىنغان ھۇجۇمغا، تاشقى پېرېۋوت ساھەسىدىكى ئىغۋاگەرچىلىكلەرنى قوشۇپ، ئىقتىسادىمىزنى ۋەيران قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ.»

ئۇ ھۆكۈمەتنىڭ ئىقتىسادىي ساھەدە تېگىشلىك مۇھىم تەدبىرلەرنى ئالغانلىقلىرىنى ۋە بۇنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى. ئۇ: «يېقىنقى كۈنلەردە ئوتتۇرىغا چىققان دوللار ۋە ياۋرونىڭ لىراغا نىسبەتەن قىممىتىنىڭ ئۆسۈپ كېتىش ھادىسىسىنىڭ سەۋەبىگە قارايدىغان بولساق، كۆزگە كۆرۈنگىدەك مۇھىم ئىقتىسادىي مەسىلىلەرنى كۆرەلمەيمىز. بىز يوشۇرۇن قارا قوللار تەرىپىدىن پەيدا قىلىنغان سەلبىي مۇھىتنىڭ تەسىرىدە مەيدانغا كەلگەن تاشقى پېرېۋوت پۇللىرى قىممىتىنىڭ ئۆسۈپ كېتىش مەسىلىسىگە دۇچ كەلدۇق» دېدى.

تۈركىيە لىراسىغا قۇرۇلغان تۇزاققا قارشى دۆلەتنىڭ ئىمكانىيەتلىرىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرگەنلىكلىرىنى تەكىتلىگەن رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، خەلقنىڭ لىراغا يۈزلىنىپ، دۆلىتىنى تاشقى پېرېۋوت بېسىمىنىڭ ئاستىغا ئېلىشقا ئۇرۇنغانلارغا ئىنتايىن چىرايلىق جاۋاب بەرگەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ خەلقنىڭ لىراغا ئىگە چىقىش ئىرادىسىنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ۋە خەلقنىڭ ئۆسۈم لوبىسىغا مەھكۇم قىلىنمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ ئۆتمۈشتىمۇ ئوخشاش ئۇسۇللار بىلەن تۈركىيەگە تۇزاق قۇرۇلغانلىقىنى خاتىرىلىتىپ: «2007-يىلى كىرىزىستىن بۇرۇنقى جۇمھۇر رەئىسلىك سايلىمى مەزگىلىدە، بىزنى سىياسەتتە بىر بۇلۇڭغا قىستاش ئۈچۈن ئىقتىسادنى قورال قىلىپ پايدىلىنىشقا ئۇرۇندى. گەزى ۋەقەسىدە، 17-25-دېكابىردا، شەرقىي جەنۇبيى ئانادولۇغا جايلاشقان ۋىلايەتلىرىمىزدىكى خەندەك ۋەقەلىرىدە، سۈرىيە ۋە ئىراق كىرىزىسلىرىدا ئوخشاش تۇزاقلار قۇرۇلدى. ئىقتىساد ئارقىلىق تۈركىيەنى سىياسەتتە تەسلىم قىلىش لايىھەسىنىڭ ھېچبىرى، ئاللاھقا ھەمد بولسۇنكى ئىشقا يارىمىدى. 15-ئىيۇلدا خەلقىمىزنىڭ زەربىسى بىلەن ئوخشاش تۇزاقنى سەھنىگە چىقىرىشقا پۇرسەت تاپالماستىن مەغلۇب بولدى. ئەمدىلىكتە بولسا، تۈركىيە سۈرىيە بىلەن ئىراقتا مۇھىم ھەربىي ھەرىكەتلەرنى قىلىۋاتقان، پارلامېنتتا پىرېزىدېنتلىق تۈزۈمىگە ئۆتۈشكە مۇناسىۋەتلىك يېڭى قەدەملەرنى تاشلاشنىڭ ھارپىسىدا تۇرۇۋاتقان، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم قارارلارنى ئېلىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان بۇ كۈنلەردە، ئىقتىسادنى يەنە قورال قىلىپ بىزگە قاراتتى» دېدى.

ئۇ ئاخىرىدا، تۈرك خەلقىنى سىياسىي، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئەركىنلىكلىرىدىن مەھرۇم قىلىشقا ئۇرۇنغانلارغا مەيداننى تاشلاپ بەرمەيدىغانلىقلىرىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.    



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر