تۈركىيە پارلامېنتى، گېرمانىيەنىڭ ئايشەنۇر باھچەقاپىلىغا قىلغان مۇئامىلىسىنى قاتتىق ئەيىبلىدى

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى، پارلامېنتنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئايشەنۇر باھچەقاپىلىنىڭ گېرمانىيە ئايرودۇرۇمىدا توختىتىپ قويۇلۇشىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.

625551
تۈركىيە پارلامېنتى، گېرمانىيەنىڭ ئايشەنۇر باھچەقاپىلىغا قىلغان مۇئامىلىسىنى قاتتىق ئەيىبلىدى
özgür özel.jpg
ahmet aydın.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى گېرمانىيەنى ئەيىبلىدى؛ تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى ئومۇمىي كېڭىشىدىكى خامچوت مۇزاكىرىلىرى ئەسناسىدا سۆز قىلغان جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى گۇرۇپپا باشلىقى ۋەكىلى ئۆزگۈر ئۆزەل، ئايشەنۇر باھچەقاپىلىنىڭ گېرمانىيە زىيارىتى جەريانىدا پاسپورتى ئوغرىلىپ كەتكەندىن كېيىن ساقچىلارنىڭ ناچار مۇئامىلىسىگە ئۇچرىغانلىقى، باھچەقاپىلىنىڭ 45 مىنۇت بويىچە توختىتىپ قويۇلغانلىقى توغرىسىدا خەۋەرلەرنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرگەن ھالدا، «پارلامېنتنىڭ پۈتكۈل ئەزالىرى، بولۇپمۇ باشقۇرۇش ئاپپاراتى ۋەكىللىرى پۈتكۈل پارلامېنت ۋە تۈركىيەگە ۋەكىللىك قىلماقتا. مەجبۇرىي توختىتىپ قويۇش ۋە بىر پارلامېنت ئەزاسىنىڭ چەت ئەلدە كۆرۈشى كېرەك بولغان دىپلوماتىك ھۆرمەتتىن مەھرۇم قىلىنىشىنى قوبۇل قىلغىلى بولىدىغان بىر ئىش، دەپ قارىمايمىز» دېدى.

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى ۋەكىلى ئەھمەت ئايدىنمۇ، تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى مۇئاۋىن باشلىقى ئايشەنۇر باھچەقاپىلىنىڭ گېرمانىيە ئايرودۇرۇمىدا توختىتىپ قويۇلۇشىنى قوبۇل قىلىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتكەن ھالدا، «بۇ مۇئامىلە يۈزىسىدىن گېرمانىيە دائىرىلىرىنى ئەيىبلەيمىز» دېدى. ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «بۇنى قوبۇل قىلىش مۇمكىن ئەمەس. قەيەردە بولسا بولسۇن، بىر پارلامېنت ئەزاسىغا بولۇپمۇ پارلامېنت باشلىقى ۋەكىلىگە، بىر باشقۇرۇش ھەيئىتى ئەزاسىغا بۇ خىل مۇئامىلە قىلىنىشى قەتئىي يوسۇندا قاتتىق ئەيىبلەيمىز. بۇنىڭدىن كېيىنكى باسقۇچتىمۇ ھەم دۆلەت ئىچىدە ھەم چەت ئەلدە پارلامېنت ئەزالىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئىززەت – ھۆرمىتىمىزنى ئورتاق ھالەتتە مۇھاپىزەت قىلىشىمىز كېرەك. ئايشەنۇر خانىمغا تەسەللىي بېرىمىز ۋە بۇ مۇئامىلىسى ئۈچۈن گېرمانىيە دائىرىلىرىنى ئەيىبلەيمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر