چاۋۇشئوغلۇ، لاۋروۋنىڭ تۈركىيە زىيارىتىدىن ئىلگىرى رۇس ئاگېنتلىقنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ، تۈركىيە – رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىدە كېلەچەككە قاراش كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.

619662
چاۋۇشئوغلۇ، لاۋروۋنىڭ تۈركىيە زىيارىتىدىن ئىلگىرى رۇس ئاگېنتلىقنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ، رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋنىڭ 1 – دېكابىردىكى تۈركىيە زىيارىتىدىن ئىلگىرى رۇسىيە خەۋەر ئاگېنتلىقى تاسنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، «ھېلىھەم چەكلىمە ئاستىدا تۇرۇۋاتقان تۈرك ئاشلىق ۋە يېزا – ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى چەكلىمىسىنىڭ بىكار قىلىنىشى، تۈركىيە شىركىتى ۋە سودا – سانائەتچىلىرىگە قويۇلغان چەكلىمىلەرنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى بۇ دائىرىدە مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ» دېدى.

تۈركىيە بىلەن رۇسىيەنىڭ ئادەتتىكىدەك ئىككى قوشنا ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن چاۋۇشئوغلۇ، «ئەسىرلەردىن بۇيان ياۋرو-ئاسىيا رايونىنىڭ رىتىمىنى بىرلىكتە بەلگىلەپ كەلگەن ئىككى قەدىم دۆلەتمىز.  بىز رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىمىزگە ئىزچىل تۈردە بۇ ئىستراتېگىيەلىك تونۇش بىلەن مۇئامىلە قىلدۇق. كېلەچەككىمۇ يەنە مۇشۇ تونۇش بىلەن قارىماقتىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

تۈركىيەنىڭ رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىگە ھەرگىزمۇ دائىر دۇنيا قاراش بىلەن مۇئامىلە قىلمىغانلىقىنى تەكىتلىگەن چاۋۇشئوغلۇ، «پىلانىمىز 100 مىليارد دوللار سودا نىشانى، ئاققۇيۇ ۋە تۈرك ئېقىمى دېگەندەك چوڭ قۇرۇلۇشلاردۇر» دېدى.

تۈركىيە – رۇسىيە ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ بىر – بىرىنى «مۇكەممەل شەكىلدە تولۇقلىغانلىقى» غا ئىشارەت قىلغان چاۋۇشئوغلۇ، «رۇسىيە، تۈركىيەنىڭ ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى ئالاھىدە تەمىنلىگۈچىسى، تۈركىيە بولسا، رۇسىيەنىڭ ياش مېۋە – چىۋە، ئوتياش جەھەتتە ئەڭ ياخشى پۇرسەت بىلەن تەمىنلىگۈچىسى. تۈركىيە رۇسىيەگە ساياھەتچىلىك ساھەسىدە ئەڭ ياخشى ئىمكانىيەتلەرنى سۇنىدۇ، رۇسىيەمۇ تۈرك قۇرۇلۇش ھۆددىگەرلىرىگە مۇھىم قۇرۇلۇشلارنى بەرمەكتە» دېدى.

چاۋۇشئوغلۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «مەن ئالدىمىزدىكى ھەپتە قىممەتلىك مەنسەپدېشىم سېرگېي لاۋروۋنى ئانتاليادا مېھمان قىلىمەن. ئارقىدىن ھۆرمەتلىك باش مىنىستىرىمىز ھۆرمەتلىك مېدۋېدېۋنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن رۇسىيەگە بارىدۇ. يېڭى يىل مەزگىلىدە رەھبەرلىرىمىز رۇسىيەدە يەنە بىر قېتىم ئۇچرىشىدۇ. بىزنىڭ بۇ ئۇچرىشىشلاردىن كۈتىدىغان ئاساسلىق ئۈمىدىمىز، تۈركىيە – رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىگە يېڭى ھەمكارلىق ئۇپۇقلىرىنى بېغىشلاشتۇر» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر