مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئىراندا رايون خاراكتېرلىك مەسىلىلەرنى مۇزاكىرىلەشتى
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ تېھراندا تۈنجى بولۇپ، پىرېزىدېنت رۇھانى بىلەن كۆرۈشتى.
![مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئىراندا رايون خاراكتېرلىك مەسىلىلەرنى مۇزاكىرىلەشتى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/0c58/a587/a71d/58394cb8a56a8.jpg?time=1719009801)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئىراندا زىيارەتتە بولماقتا.
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئىراندىكى ئۇچرىشىشلىرى جەريانىدا سۈرىيە مەسلىسى قاتارلىق رايون خاراكتېرلىك مەسىلىلەرنى مۇزاكىرىلەشتى.
مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ تېھراندا تۈنجى بولۇپ، پىرېزىدېنت رۇھانى بىلەن كۆرۈشتى.
ئىران پىرېزېدېنتلىق ئىشخانىسىدا ئاخباراتقا يېپىق شەكىلدە ئۆتكۈزۈلگەن ئۇچرىشىشتا سۈرىيە ۋە رايوندىكى باشقا مەسىلىلەر بىلەن بىرلىكتە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرمۇ مۇزاكىرە قىلىندى.
مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئىراندىكى رەسمىي زىيارىتى جەريانىدا مەنسەپدىشى جەۋاد زارىف بىلەنمۇ ئۇچرىشىش ئېلىپ بارىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![تۈركىيە تېررورچىلارغا زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/828b/04e9/7c0a/666c1fc0b666e.jpg?time=1719009802)
تۈركىيە تېررورچىلارغا زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا
تۈركىيە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قەتئىي ئىرادە بىلەن ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرماقتا.