چاۋۇشئوغلۇ: تۈركىيەنى بۇنداق قارار بىلەن تىز پۈكتۈرۈش ئارزۇسى ئاقمايدۇ

دۆلىتىمىز تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەزالىق مۇزاكىرەلىرىنى ۋاقىتلىق توختىتىش قارارى ئۈستىدە توختالدى.

617676
چاۋۇشئوغلۇ: تۈركىيەنى بۇنداق قارار بىلەن تىز پۈكتۈرۈش ئارزۇسى ئاقمايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ: «ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ قارارى تۈركىيە ئۈچۈن ئېيتقاندا ھېچقانداق كۈچكە ئىگە ئەمەس. بۇنداق قارار بىلەن بىلەن تۈركىيەنى تىز پۈكتۈرمەكچى بولسا، بىزگە ئاقمايدۇ» دېدى.

ئۇ تۈركىيەنىڭ بۇرۇنمۇ ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ بۇنىڭغا ئوخشاش قارارلىرىنى رەت قىلغانلىقىنى خاتىرىلىتىپ، مۇنداق دېدى:

«ياۋروپا پارلامېنتى ياكى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرى، يەنى كېڭىشى، كومىتېتى بىر قارار چىقارسا، بىز تەنقىد بولسىمۇ كۆزدىن كەچۈرىمىز، ھەتتا پايدىلىنىمىز. ئەمما، بۇنداق قەستەن چىقىرىلغان قارارنى رەت قىلىمىز، بۇ قارار ھېچقانداق كۈچكە ئىگە ئەمەس. مۇنداقچە ئېيتقاندا، مەزكۇر قارار ياۋروپا پارلامېنتى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ يۈز-ئابرۇيىنى تۆكىدۇ.»

ئۇ ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ مۇزاكىرە سۆھبەت تېمىلىرىنى توختىتىش توغرىسىدىكى باياناتلىرى ئۈستىدە توختالغاندا، نۇرغۇنلىغان مۇزاكىرە تېمىلىرىنىڭ باشلىنىشىغا، قىبرىس مەسىلىسى ياكى ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىچىدىكى بەزى دۆلەتلەرنىڭ توسقۇنلۇق قىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ تۈركىيە بىلەن ئوخشاش ۋاقىتتا ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەزالىق مۇزاكىرەلىرىنى باشلىغان دۆلەتلەرنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولغانلىقىنى ياكى تۈركىيەدىن كۆپ سۆھبەت تېمىلىرىنى باشلىغانلىقىنى، بىراق تۈركىيەگە ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان قوش ئۆلچەم قوللىنىلغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ ياۋروپا پارلامېنتىغا قارارغا مۇناسىۋەتلىك تەكلىپ بەرگەن كىشىلەرنىڭ، 15-ئىيۇلدىكى ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىنىڭ مەغلۇبىيىتىدىن خۇشال بولغانلار ئەمەس، بەلكى بىئارام بولغانلار ئىكەنلىكىنى؛ ئۇلارنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نى قوللىغانلار ۋە پ ك ك نى تېررورلۇق تەشكىلاتى تىزىملىكىدىن چىقىرىشقا ياردەم قىلغانلار ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ قارارغا، «ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئاجىزلىغانلىقىنىڭ ئىسپاتى» دەپ باھا بېرىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ سىرتقا ئىشىكىنى ئېچىۋېتىش ۋە دۇنياۋى ئاكتىيور بولۇشنىڭ ئورنىغا «قورقۇنچاقلىق قىلىپ، ئىشىكنى تاقىۋېلىشقا باشلىغانلىقى» نى بىلدۈردى.

ئۇ تۈرك خەلقىنىڭ قارارغا ئەھمىيەت بېرىپ كەتمىگەنلىكىنى، بەلكى تۈركىيەنىڭ ئۇنىڭغا قارشى قەدەم بېسىشىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، خەلقنىڭ تەلىپىگە قاراپ چىقىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى. ئۇ ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ بارغانسېرى يۈز-ئابرۇيىنى چۈشۈرۈۋېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ، مۇنداق دېدى:

«ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بارغانسېرى ئاشكارىلىنىۋاتقان غايىسىزلىقى، ناھايىتى ئەپسۇسكى يۈز-ئابرۇيىنى بارغانسېرى چۈشۈرۈۋاتىدۇ. ئەنگلىيەمۇ بۇنداق ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىچىدە تۇرۇشنى خالىمىدى. ياۋروپا ئىتتىپاقى بالدۇرراق ئۆزىنى ۋە سىياسەتلىرىنى تەكشۈرۈپ چىقىپ، خاتالىقلىرىدىن ساۋاق ئېلىشى كېرەك. ئەگەر تۈركىيەنى بۇنداق قارار ئارقىلىق تىز پۈكتۈرمەكچى بولسا، بىزگە ئاقمايدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر