ئىزمىردە ئاق پارتىيە بىناسىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى

ۋەقە يۈز بەرگەن جايغا يېتىپ كەلگەن ساقچى ئەترىتى ئەتراپتىكى بىخەتەرلىك سىنئالغۇ ئارخىپلىرىنى تەكشۈرمەكتە.

615968
ئىزمىردە ئاق پارتىيە بىناسىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىزمىرنىڭ قاراباغلار ناھىيەسىدە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى ناھىيەلىك تەشكىلات بىناسىغا قوراللىق ھۇجۇم قىلىندى.

قەدىمىي ئىزمىر كوچىسىدىكى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى ناھىيەلىك تەشكىلات بىناسىغا تاپانچا بىلەن 7 پاي ئوق ئېتىلدى.

بىنادا ھېچ كىشى يوق چاغدا يۈز بەرگەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدە، بىنانىڭ كىرىش دەرۋازىسىغا 4 پاي ئوق تەگدى.

ۋەقە يۈز بەرگەن جايغا يېتىپ كەلگەن ساقچى ئەترىتى ئەتراپتىكى بىخەتەرلىك سىنئالغۇ ئارخىپلىرىنى تەكشۈرمەكتە.

ساقچى ئەترىتى ھۇجۇمنى بىر كىشىنىڭ يالغۇز قىلغانلىقىنى ئېنىقلاپ چىققاندىن كېيىن گۇماندارنى تۇتۇش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر