ياۋروپادىكى تۈركلەر تېررورغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزىدۇ
ياۋروپادا ياشاۋاتقان تۈركلەر تېررورنى لەنەتلەش ۋە دېموكراتىيەنى قوللاش مەقسىتىدە شەنبە كۈنى ياۋروپانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزىدۇ.
![ياۋروپادىكى تۈركلەر تېررورغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزىدۇ](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/eae8/9c52/543e/582ea54d0c8f5.jpg?time=1719063003)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەگە قارىتىلغان تەنقىدلەر ياۋروپالىق تۈركلەرنىڭ قاتتىق غەزىپىنى قوزغىدى . شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار بۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتتى.
تۈرك ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى بىر يەرگە جەم بولۇپ، «تېررورىزمغا لەنەت، دېموكراتىيەدە دەۋەت» چاقىرىقى ئاستىدا نامايىش ئۆتكۈزۈش قارارى ئالدى. ئېلان تاختىلىرىغا: «پ ك ك = پ ي د = ي پ گ = دائېش = فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى» دېگەن خەتلەرنى يازدى.
نامايىش شەنبە كۈنى گوللاندىيە، گېرمانىيە ۋە بېلگىيەدە بىرلا ۋاقىتتا ئۆتكۈزۈلىدۇ.
نامايىش ھارپىسىدا ئېلان قىلىنغان باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «ياۋروپادا ياشاۋاتقان تۈركلەرنىڭ ئەمەلىي ئەھۋاللار بىلەن قىلچە مۇناسىۋىتى بولمىغان تەنقىدلەر ۋە ياۋروپانىڭ تېررورىزمنى قوللىشىغا قارىتا غەزەپ – نەپرىتى تولۇپ تاشتى. شۇڭا. بۇنىڭغا دەرھال تېگىشلىك ئىنكاس قايتۇرۇش ئېھتىياجى تۇغۇلدى.»
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![تۈركىيە تېررورچىلارغا زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/828b/04e9/7c0a/666c1fc0b666e.jpg?time=1719063004)
تۈركىيە تېررورچىلارغا زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا
تۈركىيە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قەتئىي ئىرادە بىلەن ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرماقتا.