ئەردوغان ترامپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى، پىرېزىدېنتلىق تۈزۈمى ۋە جان دۈندار توغرىسىدا توختالدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتلىقىغا سايلانغان دونالد ترامپ بىلەن ۋەزىپە ئۆتەشكە باشلاشتىن ئىلگىرى ئۇچرىشىش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى.

609663
ئەردوغان ترامپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى، پىرېزىدېنتلىق تۈزۈمى ۋە جان دۈندار توغرىسىدا توختالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، بېلارۇسىيەگە قاراتقان تۇنجى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدىن قايتىۋېتىپ ئايروپىلاندا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى؛ ئامېرىكىنىڭ يېڭى پىرېزىدېنتى ترامپ بىلەن ئارىسىدا بولۇپ ئۆتكەن دىيالوگ توغرىسىدا توختالغان ئەردوغان، ئامېرىكىدا شەكىللەنگەن يېڭى سىياسىي ۋەزىيەت ھەققىدىكى قاراشلىرىنى ئورتاقلاشتى.

فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى / پاراللېل دۆلەت قۇرۇلمىسى كاتتىبېشىنىڭ قايتۇرۇپ بېرىلىشى بىلەن ئىراق ۋە سۈرىيە توغرىسىدىكى مەسىلىلەردە ئامېرىكىنىڭ يېڭى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن كېلىشىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ترامپ بىلەن ئۇ پىرېزىدېنتلىققا سايلانغان كۈنى كەچتە تېلېفوندا كۆرۈشكەنلىكىنى خاتىرىلىتىپ ئۆتكەن ھالدا، «ترامپقا تۇنجى چەت ئەل زىيارەتلىرىدىن بىرىنى تۈركىيەگە قارىتىشى ۋە ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە كۆرۈشۈشتىن مەمنۇن بولىدىغانلىقىمىزنى ئىپادىلىدۇق» دېدى.

ئەردوغاننىڭ كۈنتەرتىپىدە تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇش مۇساپىسىمۇ بار ئىدى؛ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تۈركىيەنى قىستاش ئارقىلىق مۇساپىنىڭ سىرتىغا چىقىرىۋەتمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن ئەردوغان، «ئەگەر بىزنى خالىمايدىغان بولسا، ساھىبخان بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇنى ئوچۇق – ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويۇپ، كېرەكلىك قارارنى چىقارسۇن» دېدى.

پىرېزىدېنتلىق تۈزۈمى توغرىسىدا باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم بىلەن مىللىيەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى باشلىقى دەۋلەت باھچەلىنىڭ ئۇچرىشىشى توغرىسىدا توختالغان ئەردوغان، «ئارزۇيىمىز، بۇ ئىشنىڭ بالدۇرراق خەيرلىك شەكىلدە دۆلەتنىڭ كۈنتەرتىپىدىن ئىجابىي يوسۇندا ئورۇن ئېلىشىدۇر» دېدى.

گېرمانىيە بىلەن فىرانسىيەنىڭ جاسۇسلۇق قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىۋاتقان جان دۈندار توغرىسىدىكى پوزىتسىيەسىنى تەنقىد قىلغان ئەردوغان، «گېرمانىيە پىرېزىدېنتىنىڭ قىلغان ئىشىنى ئويلاپ بېقىڭلار؛ تېررورلۇق جىنايىتى سادىر قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ 5 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان بىرىنى خىزمەت ئورنىدا رەپىقىسى بىلەن بىرلىكتە كۈتۈۋالدى، ئۇنىڭغا ئالاھىدە ئىلتىپات قىلدى. پارىژ شەھەرلىك ھۆكۈمەت پەخرى ھەمشەھەرلىك مېدالى بەردى» دېيىش ئارقىلىق تېررورلۇقنى قوللىغان مەزكۇر دۆلەتلەرگە نارازىلىق بىلدۈردى.

ئەردوغان تۈركىيەنىڭ ئىراق چېگراسىغا ئەسكەر توپلىشى توغرىسىدا بولسا، «تەييار تۇرۇشقا مەجبۇرمىز. ئۆزگىرىشلەرنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر