ئەردوغان: تېرورچىدەك ھەرىكەت قىلسىڭىز، تېررورچىغا ئوخشاش مۇئامىلىگە ئۇچرايسىز

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەللىرىنىڭ خەلقلەرنىڭ دېموكراتىيە پارتىيەسى پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ نازارەت ئاستىغا ئېلىنىشى ۋە تۇتقۇن قىلىنىشى توغرىسىدىكى ئەيىبلەشلىرىگە نارازىلىق بىلدۈردى.

605074
ئەردوغان: تېرورچىدەك ھەرىكەت قىلسىڭىز، تېررورچىغا ئوخشاش مۇئامىلىگە ئۇچرايسىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەللىرىنىڭ خەلقلەرنىڭ دېموكراتىيە پارتىيەسى پارلامېنت ئەزالىرى مەسىلىسىنى چۆرىدىگەن ھالدا تۈركىيەگە قاراتقان ئەيىبلەشلىرىگە ئىشارەت قىلغان ھالدا، «مەھكىمىگە چاقىرىلغان مەلۇم پارتىيە پارلامېنت ئەزالىرىغا قارىتىلغان ئەيىبلەشلەرگە قارىغىنىمىزدا، ئاپتوموبىلى بىلەن تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قورال يۆتكەشتىن تارتىپ تېررورچى يۆتكەشكىچە،  ھەتتا تېررورلۇق تەشكىلاتىغا يۆلىنىپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلىشقىچە بولغان ھەممە نەرسە بار. بۇ قىلمىشلارنىڭ، باياناتلارنىڭ ھېچبىرىنىڭ پارلامېنت ئەزالىقى ۋەزىپىسى ۋە سۈپىتى بىلەن ئالاقىسى يوق. ئەگەر سىز پارلامېنت ئەزاسىدەك ئەمەس، تېرورچىدەك ھەرىكەت قىلسىڭىز، ئەلۋەتتە تېررورچىغا ئوخشاش مۇئامىلىگە ئۇچرايسىز» دېدى.

سۆزى جەريانىدا قانۇننىڭ كۈچىنىمۇ خاتىرىلىتىپ ئۆتكەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، «بىزنىڭ قىلغان ئىشىمىز ئەدلىيەنىڭ ۋەزىپىسىنى لايىقىدا ئادا قىلالىشى ئۈچۈن ئۇلارغا كېرەكلىك ياردەمنى بېرىشتىن ئىبارەتتۇر. باشقا بارلىق ئىشلار ئەدلىيە ۋە جامائەت خەۋپسىزلىكى تارماقلىرىنىڭ ئىشىدۇر. مەن بۇ ئىشلارنى ناھايىتى جايىدا بولدى، دەپ قارايمەن. تۈركىيەنى ھېچكىمنىڭ جىنايەت سادىر قىلىش ئىمتىيازى بولمايدىغان، بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك ھالدا ھېچبىر تېررورلۇق تەشكىلاتى پائالىيەت ئېلىپ بارالمايدىغان بىر دۆلەتكە ئايلاندۇرۇش ۋەزىپىمىز بار» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر