رۇسىيە تۈركىيەنى ئىستىخبارات بىلەن تەمىنلەشنى باشلىغان

رۇسىيەدىن «فىرات قالقىنى» ھەربىي ھەرىكىتى توغرىسىدا ھەرخىل ئىستىخبارات ئۇچۇرلىرى كېلىشكە باشلىدى.

595959
رۇسىيە تۈركىيەنى ئىستىخبارات بىلەن تەمىنلەشنى باشلىغان

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيەدە چىقىدىغان «ئىزۋېستىيا گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، دۆلىتىمىز جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئۆتكەن ھەپتە رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن ئۆتكۈزگەن تېلېفون سۆھبىتىدە كېلىشكىنى بويىچە، موسكۋا ئەنقەرەنى ئىستىخبارات ئۇچۇرلىرى بىلەن تەمىنلەشكە باشلىغان.

رۇسىيە فېدېراتسىيە كېڭىشى دۆلەت مۇداپىئە ۋە خەۋپسىزلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى فرانز كلىنتسېۋىچ، ئەنقەرەگە رادىيو دولقۇنلىرى، ئېلېكتىرونلۇق ۋە ئوپتىك كۆرۈنۈشلەردىن قولغا چۈشۈرۈلگەن ئىستىخبارات مەلۇماتلىرىنىڭ يەتكۈزۈلگەنلىكىنى؛ بۇنىڭغا جاۋابەن، تۈركىيەنىڭ رۇسىيە بىلەن مەلۇماتلارنى ئورتاقلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە ئەسكەرتىلىشىچە، رۇسىيەدىن كەلگەن بىر گۇرۇپپا تەكشۈرگۈچىلەر 24-28-ئۆكتەبىر كۈنلىرى ئارىسىدا تۈركىيە زېمىنىدا ھاۋادىن چارلاش ئېلىپ بارىدىغان بولۇپ، ئايروپىلاندا تۈركىيە مۇتەخەسسىسلىرىمۇ بولىدىكەن. چارلاش، خەلقئارا ھاۋا تەۋەلىكى كېلىشىمىگە ئاساسەن «AN-30B» تىپلىق ئايروپىلان بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدىكەن.

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ يادرو خەۋپىنى ئازايتىش مەركىزىنىڭ رەئىس ۋەكىلى سېرگېي زابېللو بۇ ھەقتە توختىلىپ، چارلاش ئۈچۈن ئەسكىشەھىر ھەربىي ئايرودۇرۇمىنىڭ ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر