ئەردوغان: ئەمدى ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن ئەمەس، يۈز بېرىشتىن ئىلگىرى ھەرىكەتكە ئۆتىمىز

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، سۇرىيەنىڭ شىمالىنى تېررورچى ئۇنسۇرلاردىن خالىيلاشتۇرۇش مەقسىتىدە 24 – ئاۋغۇستتا تۈركىيەنىڭ باشلامچىلىقىدا باشلانغان فىرات قالقىنى ھەرىكىتىنىڭ ئەلبابقىچە سوزۇلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

595272
ئەردوغان: ئەمدى ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن ئەمەس، يۈز بېرىشتىن ئىلگىرى ھەرىكەتكە ئۆتىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان بۇرسادىكى قۇرۇلۇشلارنى كوللېكتىپ ھالەتتە خىزمەتكە كىرىشتۈرۈش مۇراسىمىدا سۆز قىلىپ، تۈركىيەنىڭ راققە ھەرىكىتىنىڭمۇ بىر پارچىسى بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ھالدا، «بىرلەشمە كۈچلەر بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشقا تەييار بولسا، راققەگىمۇ دائېشقا قارشى كېرەكلىك قەدەملەرنى تاشلايمىز. ئەمما، بىر تېررورلۇق تەشكىلاتى PYD ياكى YPG بىلەن ئەمەس» دېدى.

ئەلبابتا تېررورچىلاردىن خالىيلاشتۇرۇلغان بىر رايون يارىتىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن ئەردوغان، PYD/YPG ئىشغال قىلىۋالغان مۇنبىچتىمۇ ئوخشاشلا بىر تەييارلىق قىلىش كېرەكلىكىنى ئېيتتى. <مىيساقى مىللىييە (مىللىي ئەھدىنامە)> دەتالاشلىرى ئۈستىدىمۇ توختالغان ئەردوغان، بۇنىڭدىن بەزى تەرەپلەرنىڭ بىئاراملىق ھېس قىلغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ھالدا، «ئىراقنىڭ قەدىمىي شەھەرلىرى كەركۈك ۋە مۇسۇل بىزنىڭ ئىدى. ھازىر مەن <مىيساقى مىللىييە> دېگەنلىكىم ئۈچۈن بىئارام بولۇشتى. نېمىشقا بىئارام بولىسىلەر؟ مەن تارىخ دەرسى سۆزلەي، ئاڭلاڭلار. بۇ ئىشنىڭ تارىخىدا بۇ بار. غازى مۇستاپا كەمالمۇ <مىيساقى مىللىييە> گە ئىشارەت قىلمىغانمۇ؟» دېدى.

تېررورىزمغا قارشى كۈرەشنىڭ قەتئىي داۋاملىشىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئەردوغان، «قەيەرگە قاچساڭلار قېچىڭلار. سىلەرنى ئاخىرىغىچە قوغلاۋاتىمىز، قوغلايمىز. بۇنىڭدىن كېيىن تېررورلۇق ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن ئەمەس، يۈز بېرىشتىن ئىلگىرى پاتقاقلىقنى قۇرۇتۇش ئارقىلىق بۇ ۋەتەننى ئىنشائاللاھ تىنچلىققا ئىگە قىلىمىز. ئۇنىڭدىن توختاپ قېلىشقا بولمايدۇ» دېدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزالىرىنىمۇ بىلىدىغان نەرسىلىرىنى ئېتىراپ قىلىشقا چاقىردى ۋە ئۇلار ۋە ئۇلار بىلەن ئالاقىسى بارلار بىلگەنلىرىنى ئېتىراپ قىلمىغان تەقدىردە، سوتقا جاۋاب بېرىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر