بىر ئەسكەر شېھىت بولدى

ھاككارىنىڭ چۇقۇرجا ناھىيەسىدىكى بازىدا قول بومبىسى پارتلاپ كېتىپ بىر ئەسكەر شېھىت بولدى.

585630
بىر ئەسكەر شېھىت بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەۋپسىزلىك مەنبەلىرىدىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرغا قارىغاندا، پىيادە قىسىم ئەسكىرى فۇرقان ھاممامجى خانتەپە ھەربىي بازىسىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئەسنادا قول بومبىسى پارتلاپ كېتىپ شېھىت بولغان.

شېھىتنىڭ جىنازىسى ۋان قوراللىق ساقچى قىسىم مۇقىملىقنى ساقلاش قوماندانلىقى تىك ئۇچار ئايروپىلانلار قىسمىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدىن كېيىن ھەربىي ئايروپىلان بىلەن يۇرتى قەيسەرىگە يوللاندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر