ۋاندىن كەلگەن شېھىت خەۋىرى كۆڭۈللەرنى غەش قىلدى

ئامانلىق ساقلاش قىسىملىرى ۋان–شىرناك قاتناش يولىدا چارلاش- تەكشۈرۈش خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان پەيتتە پارتلاش يۈز بەردى.

584545
ۋاندىن كەلگەن شېھىت خەۋىرى كۆڭۈللەرنى غەش قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋاننىڭ گۈرپىنار ناھىيەسىدە تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزالىرى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان پارتلاتقۇچنىڭ پارتلىشى تۈپەيلى بىر ھەربىي ئوفىتسېرشېھىت بولدى.

پارتلاش ۋەقەسى ۋان – شىرناك قاتناش يولىدا ئامانلىقنى ساقلاش قىسىملىرى چارلاش-تەكشۈرۈش خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان پەيتتە يۈز بەردى.

پارتلاشتا، شېھىت بولغان ئەسكەرنىڭ جىنازىسى، ۋاندا ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدىن كېيىن يۇرتى سىۋاسقا ئەۋەتىلدى.

ئامانلىقنى ساقلاش قىسىملىرى رايوندىكى زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر