شۇم خەۋەر: ئالتە ئەسكەر شېھىت بولدى
شىرناك-ۋان تاشيولى ئۈستىگە جايلاشقان تۈرمە ئەتراپىدىكى تەكشۈرۈش پونكىتىدا ئېتىشىش يۈز بېرىپ، ئالتە ئەسكەرنىڭ شېھىت بولغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
577482
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۈگۈن (26-سېنتەبىر) يەنە بىر شۇم خەۋەر يېتىپ كەلدى. شىرناك-ۋان تاشيولى ئۈستىگە جايلاشقان تۈرمە ئەتراپىدىكى تەكشۈرۈش پونكىتىدا يۈز بەرگەن ئېتىشىشتا، ئالتە ئەسكەر شېھىت بولدى. نەق مەيدانغا نۇرغۇنلىغان قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىللىرى ئەۋەتىلدى.
رايوندا تېررورىستلارنى تۇتۇش ئۈچۈن كەڭ كۆلەمدە ھەربىي ھەرىكەتلەرنىڭ باشلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيە تېررورچىلارغا زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا
تۈركىيە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قەتئىي ئىرادە بىلەن ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرماقتا.