مۇساپىرلار مەسىلىسى، سۈرىيە كىرىزسى ۋە غەرب دۆلەتلىرىنىڭ مەۋھۇم پوزىتسىيەسى

جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى باياناتچىسى ئىبراھىم كالىن مۇساپىرلار مەسىلىسى، سۈرىيە كىرزىسى، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ بۇ مەسىلىلەرگە تۇتقان مەۋھۇم پوزىتسىيەسى توغرىسىدىكى قاراشلىرى:

568951
مۇساپىرلار مەسىلىسى، سۈرىيە كىرىزسى ۋە غەرب دۆلەتلىرىنىڭ مەۋھۇم پوزىتسىيەسى

تۈركىيەنىڭ سۈرىيەدىكى مەقسىتى ئېنىق بولۇپ ئۇ بولسىمۇ مۇنداق: سۈرىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش، ھەر قانداق بىر ئېتنىك ياكى مەزھەپ توقۇنۇشىدىن ساقلىنىش ۋە پۈتكۈل سۈرىيەلىكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان قانۇنلۇق ۋە كۆپ تەرەپلىك سىياسىي تەرتىپ بەرپا قىلىنىشىنى قوللاش كېرەك.

خىتاينىڭ خاڭجۇ شەھىرىدە 4-سېنتەبىردىن 5-سېنتەبىرغىچە ئۆتكۈزۈلگەن گ-20 دۆلەتلىرى ئالىي رەھبەرلەر يىغىنى، دۇنيا بويىچە ئىقتىسادىي ئەڭ كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرىنى دۇنيا ئىقتىسادىي ۋە كىلىمات ئۆزگىرىشى قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە كېڭەش ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئۇچراشتۇردى.

ئالىي رەھبەرلەر يىغىنىدا تېررورىزىمغا قارشى كۈرەش، مۇساپىرلار كىرزسى ۋە سۈرىيەدىكى ئۇرۇشقا ئوخشاش جىددىي بولغان گىئوسىياسىي مەسىلىلەر كېڭەش قىلىندى.

گىئوسىياسىي پوزىتسىيە ۋە ھەرىكەتلەر بۇ خىلدىكى يىغىنلارنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكلىرىدىن بىرى بولۇپ، بۇ قېتىمقى يىغىنمۇ بۇنىڭدىن مۇستاسنا ئەمەس ئىدى، تېررورىزىمنىڭ قەتئىيلىك بىلەن كۈرەش قىلىش لازىم بولغان دۇنياۋى تەھدىت ئىكەنلىكى توغرىسىدا پىكىر بىرلىكى بولسىمۇ، كىمنىڭ تېررورچى ئىكەنلىكى ئۈستىدە ئىختىلاپلار داۋملاشماقتا.

خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ سۈرىيەدىكى ئۇرۇشقا خاتىمە بېرىش ۋە دائېش تېررورچىلىرى پەيدا قىلغان ۋەھىمە ۋە تەھدىتنى يوق قىلىشتا ئاجىز قېلىشى ئەمەلىيەتتە گىئوسىياسىي كۈچنى كۆز-كۆز قىلىش ھادىسىسى بىلەن يېقىندىن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، تولىمۇ ئەپسۇسكى، سۈرىيە ئۇرۇشى بۇ كۆز-كۆز قىلىشنىڭ ئاساسلىق سەھنىسى بولماقتا، بۇنىڭ ئەكسىچە، دۇنيا رەھبەرلىرىنىڭ دىققىتى سۈرىيەدە باش كۆتۈرۈشكە باشلىغان مۇنۇ ئۆزگىرىشكە بۇرالماقتا: تۈركىيە چېگرىسىنى دائېشتىن تازىلىغان ۋە ئازەز بىلەن جەرابلۇس شەھەرلىرى ئوتتۇرىسىدا ياشايدىغان ئون مىڭلارچە سۈرىيەلىكلەرگە زور قولايلىقلارنى يارىتىپ بەرگەن تۈركىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن 24-ئاۋغۇستا ئېلىپ بېرىلغان فىرات قالقىنى ھەربىي ھەرىكىتىدۇر.

فىرات قالقىنى ھەربىي ھەرىكىتى ئىككى يىلدىن بۇيان زور داۋالغۇشلارنى باشتىن كەچۈرگەن ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسىگە نىسبەتەنمۇ ھەربىي غەلىبە ۋە ئىلھام بولدى. شۇنداقلا، فىرات قالقىنى ھەربىي ھەرىكىتى، خەلقئارا كۈچلەرنىڭ ياردىمىسىزمۇ، تۈركىيەنىڭ دائېشنى يوق قىلىش ۋە ئاجىزلىتىشتىكى قەتئىيلىكىنىمۇ كۆرسىتىپ بەردى. ھەربىي ھەرىكەتتىن سىرت، فىرات قالقىنى ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ دىپلوماتىك ۋە سىياسىي غەلبىسىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلىنماسلىقى لازىم.

تۈركىيەنىڭ رۇسىيە ۋە ئىران بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى، سۈرىيەدە ھەربىي پائالىيەتلەرنىڭ ئېلىپ بېرىلىشى ئۈچۈن زېمىن تەييارلىنىشىدا مۇھىم رول ئوينىدى،مۇنۇ مەسىلىنىڭ ئالاھىدە تەكىتلىنىشى كېرەك: تۈركىيە چېگرالىرىدىكى ھەق ھوقۇقلىرىنى ئاداققىچە قوغداش ھوقۇقىغا ئىگىدۇر، شۇنداقلا تۈركىيە ھەربىي ھەرىكەتلىرىنى توقۇنۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئالاقىدار تەرەپلەر بىلەن ئالاقە ئورناتقان ئاساستا ئېلىپ باردى. بۇ قېتىمقى غەلىبە نۇرغۇن جەھەتتىن غەلىبە ھېسابلانسىمۇ، سۈرىيە تېپىشمىقىنىڭ بىر قىسمى، خالاس. ھەلەبنىڭ ۋەزىيىتىنىڭ بارغانچە ناچارلىشىشى سۈرىيەدىكى بارلىق تەرەپلەرگە نىسبەتەن ناھايىتى ۋەھىملىك ئەھۋال ھېسابلىنىدۇ.

كۈتۈلگىنىدەك، مۇسۇلمانلارنىڭ قۇربان ھېيتتىن بۇرۇن دۈشمەنلىكنىڭ ئاخىرلىشىشى ئۈچۈن كېلىشىم ھاسىل قىلىش مەسىلىسى تۈركىيە، ئامېرىكا ۋە رۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ كۈنتەرتىپىدىن ئورۇن ئالدى. كېلىشىم تەلتۆكۈس ھاسىل قىلىنغاندا، ھەلەب ۋە ئەتراپىدىكى يەرلىك ئاھالىلىلەرنىڭ نۇرغۇن مەسىلىلىرى ھەل بولىدۇ، كېلىشىم دائىرىسىدە جەنۇبتا دەمەشىقتىن، شىمالدا تۈركىيەدىن كېلىدىغان ياردەم بۇيۇملىرى يەتكۈزۈپ بېرىلىدۇ، شۇنداقلا كېلىشىم داۋاملاشقان تەقدىردە ھاكىمىيەت بىلەن ئۆكتىچىلەر ئوتتۇرىسدا  ب د ت نىڭ ھامىيلىقى ئاستىدا سۆھبەت باشلىنىدۇ، ئۇرۇش توختىتىش ئۈچۈن قىسمەن كېلىشىم ھاسىل قىلىش بىلەن ئۇرۇشقا خاتىمە بېرىش ئۈچۈن كېلىشىم ھاسىل بىر-بىرىگە ئوخشىمايدۇ.   

ھەر كۈنى ئونلارچە ئادەم ئۆلىۋاتقان سۈرىيەدە بىر جاننىمۇ قۇتقۇزۇش ئۈچۈن تۈزۈلىدىغان كېلىشىمنى قوللاش تولىمۇ مۇھىمدۇر، بىراق بۇ يەردە مۇھىم بولغىنى ئۇرۇشقا خاتىمە بېرىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشتۇر. سۈرىيە زېمىنلىرىدا تېررورىزىمنى تۈگىتىش بولسا مۇساپىرلار كىرزىسىنى كونترول قىلىش ۋە سۈرىيە خەلقىنىڭ نورمال تۇرمۇشقا ئېرىىشىشى  ئۈچۈن مۇراجائات قىلىدىغان يېگانە يولدۇر. 

مۇساپىرلار مەسىلىسى ياۋروپالىقلارنىڭ پەقەتلا ياشانغان قىتئەسى بىئارام بولغاندا ئەھمىيەت بېرىدىغان، بىراق كۆپ قىسمى سۈرىيەدىن كەلگەن مۇساپىرلار ياۋروپا زېمىنىغا بېرىشتىن ۋاز كەچكەندە ياكى بۇ مەقسىتىگە يېتەلمىگەندە كۈنتەرتىپكە كېلىدىغان مەسىلە بولۇپ قالدى.

ناھايىتى ئاز مۇستاسنادىن تاشقىرى، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا مەيدانغا كەلگەن ئەڭ ئېغىر مۇساپىرلار كىزىسىگە ياۋروپالىقلارنىڭ تۇتقان پوزىتسىيەدىن ئىنسانىيەت ھەقىقەتەن نومۇس قىلىدۇ. ياۋروپالىقلارنىڭ كۆپ قىسمى خۇددىي بىز يەر شارىلاشقان ۋە بىر-بىرىگە بېقىندى بولغان دۇنيادا ياشىمايۋاتقاندەك ھەرىكەت قىلىدۇ، ئۇلار مۇساپىر مەسىلىسىنىڭ ئۆزلىرىن يىراقلىشىپ تۈگەيدىغانلىقىنى ياكى «شەرقلىقلەر»گىلا خاس ئادەتتىكى مەسىلە بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ئويلايدۇ.  

ھەممىدىن چاتاق بولغىنى، قانۇنسىز كۆچمەنلىككە توسالغۇ بولۇش ۋە ياۋروپانىڭ يەرلىك ۋە مەدەنىي كوچىلىرىنى قوغداش باھانە قىلىنىپ ئاستىرىتتىن قوللاشقان ئېرىشكەن ۋە ئالاھىدە ئىمتىياز بېرىلگەن چەت ئەل دۈشمەنلىكى ۋە ئىرقچى ئېقىملار بارغانچە كۈچەيمەكتە، بۇ نە ئەخلاقىي نۇقتىدىن نە سىياسىي جەھەتتىن ئاقلىغىلى بولىدىغان ئەھۋال ئەمەس، ئەگەر ياۋروپا مۇساپىرلار كىرزىسىگە ھەقىقەتەن ئەھمىيەت بېرىدىغان بولسا سۈرىيەدىكى ئۇرۇشقا خاتىمە بېرىش، ئىراق ۋە رايوندىكى باشقا جايلاردا تىنچلىق ۋە تەرتىپ بەرپا قىلنىشىغا ياردەم قىلىش ئۈچۈن تېخىمۇ ئېغىر مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىش كېرەك.

تۈركىيەنىڭ سۈرىيەدىكى مەقسىتى ئېنىق بولۇپ ئۇ بولسىمۇ سۈرىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش، ھەر قانداق بىر ئېتنىك ياكى مەزھەپ توقۇنۇشىدىن ساقلىنىش ۋە پۈتكۈل سۈرىيەلىكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان قانۇنلۇق ۋە كۆپ تەرەپلىك سىياسىي تەرتىپ بەرپا قىلىنىشىنى قوللاش كېرەك.

پ ك ك نىڭ تەتۈر تەشۋىقاتلىرىنىڭ ئەسكىچە تۈركىيە سۈرىيەدە كۈرتلەرگە قارشى ئۇرۇش قىلمايۋاتىدۇ، پەقەت پ ك ك نىڭ سۈرىيە قانىتى بولغان خەلقنى قوغداش قىسىملىرى دەپ ئاتىلىدىغان ي پ گ نىڭ تېررورلۇق تۇزاقلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن ئۆزى ۋە سۈرىيەلىكلەرنى قوغداۋاتىدۇ.

بۇ ئەھۋالنى «سۈرىيەلىك كۈرتلەر»گە قارشى ئۇرۇشتەك كۆرسىتىش تولىمۇ چاكىنىلىقتۇر. تۈركىيەنىڭ سۈرىيەدىكى، ئىراقتىكى ياكى ئىراندىكى كۈرتلەر بىلەن ھېچقانداق مەسىلىسى يوق. تۈركىيەنىڭ قانداق بولۇشتىن قەتئىينەزەر تېررورلۇق تەشكىلاتلار بىلەن مەسىلىسى بار. خۇددىي دائېشقا قارشى كۈرەشنىڭ مۇسۇلمانلارغا قارشى ئۇرۇش بولمىغىنىدەك، پ ك ك غا ۋە ئۇنىڭ گۇماشتىلىرىغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان كۈرەشمۇ سۈرىيە ياكى باشقا جايلاردىكى كۈرتلەرگە قارشى ئېچىلغان ئۇرۇش ئەمەستۇر.

بىز مۇسۇلمانلارنىڭ يېقىنلىشىۋاتقان قۇربان ھېيتىنى ۋە ھەج پەرزىنى تەبرىكلەشكە تەييارلىنىۋاتقان بىر پەيتتە، دۇنيانىڭ سانسىز مەزلۇم خەلقلىرى بىلەن بىرلىكتە، سۈرىيە خەلقىنىڭ ئازادىلىككە ئېرىشىشى ۋە باشقا ئىنسانلارغا ئوخشاش تىنچلىق ۋە ئامانلىق ئىچىدە ياشىشى ئۈچۈن دۇئا قىلايلى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر