تۈركىيە - سۈرىيە چېگراسىدىكى دائېش ئۇنسۇرلىرى تەلتۈكۈس تازىلاندى

‹فىرات قالقىنى ھەرىكىتى› نىڭ 12 – كۈنىدە 600 كۇادېرات كىلومېتىرغا يېقىن جاي دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىدىن قايتۇرۇۋېلىندى.

565280
تۈركىيە - سۈرىيە چېگراسىدىكى دائېش ئۇنسۇرلىرى تەلتۈكۈس تازىلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ‹فىرات قالقىنى ھەرىكىتى› دائىرىسىدە تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسى، دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى ئىلگىرىلىشىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئازەز – جەرابلۇس لىنىيەسىنى بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق دائېشنىڭ تۈركىيە چېگراسى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى تەلتۈكۈس ئۈزۈپ تاشلىدى. شۇنىڭ بىلەن، تۈركىيە – سۈرىيە چېگراسىدا تېررورچى ئۇنسۇرلاردىن خالىيلاشتۇرۇلغان بىر رايون روياپقا چىققان بولدى.

‹فىرات قالقىنى ھەرىكىتى› نىڭ 12 – كۈنىدە 600 كۇادېرات كىلومېتىرغا يېقىن جاي دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىدىن قايتۇرۇۋېلىندى.

تۈركىيە ئارمىيەسى ئالاھىدە ھەرىكەت قىسىملىرىنىڭ 24 – ئاۋغۇستتا باشلىغان ‹فىرات قالقىنى ھەرىكىتى›، ھەرىكەت نىشانلىرىنىڭ بىرىنى غەلىبىلىك ئورۇندىدى. سۈرىيەنىڭ جەرابلۇس رايونىدىن باشلانغان ھەرىكەتنىڭ ئىككىنچى باسقۇچلۇق پىلانىغا ئاساسەن، تۈركىيە ئارمىيەسى ئالدىنقى كۈنى كىلىسنىڭ ئەلبەيلى ناھىيەسى ئارقىلىق سۈرىيەنىڭ چوبانبەي رايونىغا كىردى. يېڭى فىرونتنى تۈركىيە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ھىمايە قىلدى.

جەرابلۇسنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان مىنتەقات، قاندۇراھ ۋە ۋۇقۇف رايونلىرىدا دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ئامېرىكىنىڭ ئا-10 تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى بىلەن ھۇجۇم قىلىندى. ھۇجۇم نەتىجىسىدە، ئەلقادى رايونىدا ئۈچ، ۋۇقۇف رايونىدا بىر نىشان يوقىتىپ تاشلاندى.

ئۆكتىچىلەر، چوبانبەي رايونىدىكى تۇۋەيران، خەلىلىييە، باب لەمون، ھاج ۋەلى ۋە ئۆكۈزئۆلدۈرەن يېزىلىرىنى دائېشتىن ئالدى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى باش قوماندانلىق ئىشتابى، 24 – ئاۋغۇستتىن بۈگۈنگىچە بولغان جەرياندا 383 نىشانغا جەمئىي 1599 زەمبىرەك ۋە راكېتامىيوت ئېتىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

سۈرىيەنىڭ ئىچىدە داۋاملىشىۋاتقان ھەربىي ھەرىكەتنىڭ بىخەتەرلىكىنى چېگراغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان قىسىملار قوغدىدى. 12 كۈندە جەمئىي 20 دائېش نىشانىغا 52 زەمبىرەك ۋە 20 دانە راكېتامىيوت ئوقى بىلەن زەربە بېرىلدى. بۇ جەرياندا، 11 مىنا ۋە 325 يەرلىك ئۇسۇلدا ياسالغان پارتلاتقۇچ چۇۋۇپ تاشلاندى.

سۈرىيەنىڭ تۈركىيە چېگراسى بويىدا ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەتنىڭ 12 – كۈنىدە كۈتۈلگەن ئۈنۈم ھاسىل بولدى. ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسى ئەسكەرلىرى تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ياردىمى ئارقىسىدا ئازەز بىلەن جەرابلۇس ئارىسىدىكى تۈركىيە – سۈرىيە چېگراسىدا تېررورچىلاردىن خالىيلاشتۇرۇلغان بىر رايون تەسىس قىلدى؛ تۈركىيە چېگراسىدىن سۈرىيەنىڭ ئىچىگە قاراپ 3 كىلومېتىر بىلەن 5 كىلومېتىر چوڭقۇرلۇققا ئىگە بىخەتەر رايون، دائېشنىڭ تۈركىيە چېگراسى بىلەن بىۋاسىتە ئالاقىسىنى ئۈزۈپ تاشلىدى. ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسى غەلىبىسىنى ئاسمانغا ئوق ئېتىپ تەبرىكلىدى.

تۈركىيە ئارمىيەسى، فىرات قالقىنى ھەرىكىتى باشلانغان دەسلەپكى كۈندىن بۇيان پۇقرالارنىڭ زىيانغا ئۇچرىماسلىقى ئۈچۈن پۈتكۈل چارە – تەدبىرلەرنى يولغا قويماقتا.

بۇ جەرياندا، داۋاملىشىۋاتقان توقۇنۇشلاردا يارىلانغان ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسىنىڭ 19 ئەسكىرى ئۆنجۈپىنار چېگرا ئېغىزى ئارقىلىق تۈركىيەنىڭ كىلىس شەھىرىدىكى دوختۇرخانىلاردا بالنىستقا ئېلىندى. يارىدار ئەسكەرلەردىن بىرى ھاياتىدىن ئايرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر