نۇمان قۇرتۇلمۇش: «جەرابلۇستىكى بارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنى سۈپۈرۈپ تاشلايمىز»

نۇمان قورتۇلمۇش تۈركىيەنىڭ سۈرىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلىكىنى قوغداش تەرەپدارى ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى.

559377
نۇمان قۇرتۇلمۇش: «جەرابلۇستىكى بارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنى سۈپۈرۈپ تاشلايمىز»

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇئاۋىن باش مىنىستىر نۇمان قۇرتۇلمۇش «تۈركىيە سۈرىيەنىڭ شىمالىي قىسمىدىن كېلىدىغان ھەر تۈرلۈك تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا قەتئىي ئىرادىگە ئىگە» دېدى.

 نۇمان قۇرتۇلمۇش تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ جەرابلۇسقا قارىتا ئېلىپ بارغان «فىرات قالقىنى» ھەربىي ھەرىكىتى ئۈستىدە توختىلىپ، «ئۇ يەردىن بارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنى سۈپۈرۈپ تاشلايمىز. تۈركىيەگە تەھدىت شەكىللەندۈرۈشىگە ھەرگىز يول قويمايمىز» دېدى.

نۇمان قورتۇلمۇش تۈركىيەنىڭ سۈرىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلىكىنى قوغداش تەرەپدارى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، «ئىنشائاللاھ جەرابلۇس ھەرىكىتى قەتئىي، تېز سۈرئەتلىك ۋە كۈتۈلمىگەن نەتىجىلەرى قولغا كەلتۈرىدىغان بىر ھەىكەت بولغۇسى» دېدى.

نۇمان قۇرتۇلمۇش خەلقئارا جامائەتچىلىككىمۇ خىتاب قىلىپ، سۈرىيەدە ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا چاقىرىق قىلدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر