ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى قۇرۇلغان كۈنىنى تەبرىكلىمەكتە
ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى بۈگۈن قورۇلغانلىقىنىڭ 15 يىللىقىنى تەبرىكلىمەكتە...
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى بۇنىڭدىن دەل 15 يىل ئىلگىرى يەنى 2001- يىلى 14 – ئاۋغۇستتا تۈركىيە سىياسەت سەھنىسىگە قەدەم قويدى. رەجەپ تاييىپ ئەردوغان رەھبەرلىكىدە قۇرۇلغان پارتىيە، قۇرۇلۇپ 15 ئايدىن كېيىن 2002 – يىلى 3 – نويابىردىكى سايلاملارغا قېتىلىپ، ئۆز ئالدىغا ھۆكۈمەت قۇرۇش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى.
شۇنىڭدىن بۇيانقى 15 يىلنىڭ مابەينىدە تۈركىيە سىياسىتىدە ئۆزىنى كۆرسىتىۋاتقان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى، بۈگۈن قۇرۇلغان كۈنىنى تەبرىكلىمەكتە.
ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى، بۈگۈن چۈشتىن كېيىن تۈركىيە ۋاقتى سائەت 5:00 تە پارتىيە مەركىزىدە تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيە تېررورچىلارغا زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا
تۈركىيە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قەتئىي ئىرادە بىلەن ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرماقتا.