تۈركىيە ئارمىيەسى تېررورچىلارغا ھاۋادىن زەربە بەردى
تۈركىيە ئارمىيەسى، ھاككارىنىڭ شەمدىنلى ۋە ماردىننىڭ نۇسايبىن ناھىيەلىرىدە PKK تېررورچىلىرىغا قاتتىق زەربە بەردى.
551601
![تۈركىيە ئارمىيەسى تېررورچىلارغا ھاۋادىن زەربە بەردى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/e12a/fa5b/8a80/57b057dad1142.jpg?time=1719049730)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: PKK تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ئېغىر زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان تۈركىيە ئارمىيەسى، ھاككارىنىڭ شەمدىنلى رايونىدىكى تېررورچىلارغا ئىككى قېتىم ھاۋادىن زەربە بېرىپ، بىر گۇرۇپپا تېررورچىنى بىر تەرەپ قىلدى.
يەنە بىر تەرەپتىن، ماردىننىڭ نۇسايبىن ناھىيەسىدە بىر تەرەپ قىلىنغان 9 تېررورچىدىن ئىككىسىنىڭ ئاتالمىش رايون مەسئۇللىرى ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى.
بۇ ھەقتىكى تەكشۈرۈش دائىرىسىدە تېررورچىلارغا ياردەم قىلغانلىقى ئىسپاتلانغان بىر گۇماندار نازارەت ئاستىغا ئېلىندى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![تۈركىيە تېررورچىلارغا زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/828b/04e9/7c0a/666c1fc0b666e.jpg?time=1719049730)
تۈركىيە تېررورچىلارغا زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا
تۈركىيە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قەتئىي ئىرادە بىلەن ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرماقتا.