تۈركىيە ئايروپىلانلىرى شىمالىي ئىراقتىكى تېررورىستلارنى بومباردىمان قىلدى

تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ شىمالىي ئىراققا ئېلىپ بارغان چېگرا ھالقىغان ھاۋا ھەرىكىتىدە، بىر توپ تېررورىست بىر تەرەپ قىلىندى.

549613
تۈركىيە ئايروپىلانلىرى شىمالىي ئىراقتىكى تېررورىستلارنى بومباردىمان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئارمىيە قوماندانلىق ئىشتابى ئىراقنىڭ شىمالىدىكى سىناس ھافتانىن رايونىغا ھاۋا ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى. باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:

«تۈنۈگۈن(10-ئاۋغۇست) سائەت 14:00 ئەتراپىدا ئېلىنغان بىر ئاخباراتقا ئاساسەن تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى رايوندا بايقالغان بىر تېررورىست گۇرۇپپىسىنى بومباردىمان قىلىپ، بىر تەرەپ قىلدى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر