تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ قايتىدىن تەرتىپكە سېلىنىشى توغرىسىدىكى قارارنامە ئېلان قىلىندى

فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى / پاراللېل دۆلەت قۇرۇلمىسىنىڭ 15 – ئىيۇلدىكى ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىدىن كېيىنكى ئۈچىنچى جىددىي ھالەت قارارنامىسى ئېلان قىلىندى.

541603
تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ قايتىدىن تەرتىپكە سېلىنىشى توغرىسىدىكى قارارنامە ئېلان قىلىندى
ohal khk tsk3.jpg
ohal khk tsk1.jpg
ohal khk tsk.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى / پاراللېل دۆلەت قۇرۇلمىسىنىڭ 15 – ئىيۇلدىكى ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىدىن كېيىنكى ئۈچىنچى جىددىي ھالەت قارارنامىسى ئېلان قىلىندى.

قارارنامىدە تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ قايتىدىن تەرتىپكە سېلىنىشىغا مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرگە ئورۇن بېرىلدى. قارارغا ئاساسلانغاندا، قۇرۇقلۇق، دېڭىز ۋە ھاۋا ئارمىيەسى قوماندانلىقلىرى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باشقۇرۇشى ئاستىغا كىردى.

رەسمىي گېزىتنىڭ بۈگۈنكى سانىدا ئېلان قىلىنغان «جىددىي ھالەت دائىرىسىدە بەزى تەدبىرلەرنىڭ ئېلىنىشى ۋە دۆلەت مۇداپىئە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قۇرۇلۇشى بىلەن بەزى قانۇنلارغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلۈشىگە دائىر قانۇن ھۆكمىدىكى قارارنامە» ئارقىلىق  ئارمىيە قوماندانلىقلىرى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ قارمىقىغا كىرگۈزۈلدى.

بۇ قانۇنغا زىت بولمىغان، باشقا قانۇنلار ئارقىلىق باش قوماندانلىق ئىشتابىغا بېرىلگەن ۋەزىپە ۋە سالاھىيەتلەرگە ئالاقىدار ھۆكۈملەر ئۆز پېتى قالدى. بۇنىڭدىن باشقا جۇمھۇر رەئىس ۋە باش مىنىستىرنىڭ زۆرۈرىيەت توغۇلغاندا قوماندانلار ۋە ئۇلارنىڭ قول ئاستىدىكىلەردىن بىۋاسىتە ئۇچۇر ئىگىلىيەلەيدىغانلىقى، ئۇلارغا بىۋاسىتە بۇيرۇق بېرەلەيدىغانلىقى، بېرىلگەن بۇيرۇقنىڭ ھېچقانداق بىر ئورۇندىن روخسەت ئېلىنماستىن دەرھال ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىمۇ قارارنامەدىن ئورۇن ئالدى.

قانۇن ھۆكمىدىكى قارارنامە بىلەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى قارمىقىدا دۆلەت مۇداپىئە ئۇنىۋېرسىتېتى، نامىدا يېڭى بىر ئۇنىۋېرسىتېت قۇرۇلدى؛ دۆلەت مۇداپىئە ئۇنىۋېرسىتېتى، شتاب ئوفىتسېرى يېتىشتۈرۈش ۋە ماگېستېر، دوكتورلۇق دەرسلىرىنى ئۆتۈش مەقسىتىدە يېڭى قۇرۇلغان ئېنىستىتۇتلاردىن، قۇرۇقلۇق، دېڭىز ۋە ھاۋا ئارمىيە ھەربىي مەكتەپلىرىدىن، تۆۋەن دەرىجىلىك ئوفېتسىرلار كەسپىي ئالىي مەكتەپلىرىدىن تەشكىل تاپىدۇ.

ھەربىي ئاكادېمىيەلەر، ھەربىي تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەر ۋە تۆۋەن دەرىجىلىك ئوفېتسىرلار مەكتەپلىرى تاقىۋېتىلدى. قانۇن ھۆكمىدىكى قارارنامە دائىرىسىدە، گۈلخانە ھەربىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى (گاتا) ۋە ھەربىي دوختۇرخانىلارمۇ سەھىيە مىنىستىرلىقىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر